دۆلەت شېئىرى
بۈگۈنكى جۇڭگو
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى سۆزىنى تيەن خەن، مۇزىكىسىنى نى ئېر ئىشلىگەن «پىدائىيلار مارشى» دىن ئىبارەت.1935 - يىلى جۇڭگو ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ھايات - ماماتلىق پەيتىدە تۇرغان چاغدا ئۇلار مۇشۇ شېئىرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ، دۆلىتىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى قوغداپ قېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. نەچچە10 يىلدىن بۇيان، بۇ شېئىر خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇ ئېلىمىز خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قوزغاشتا غايەت زور رول ئوينىدى. شۇڭا،1949 - يىلى9 - ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - يىغىنىدا بۇ شېئىر دۆلەت شېئىرى قىلىپ بېكىتىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئەنئەنىسى ۋە تىنچ شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلاش ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈردى.1982
- يىل12 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئېچىلغان5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ5 - يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ «پىدائىيلار مارشى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى بولۇپ قالدى. (تەپسىلىي مەزمۇنىنى كېيىنكى بەتتىن كۆرۈڭ)