دېھقانلارنى بېيىتىش يولى
بۈگۈنكى جۇڭگو
ئېلىمىز ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ بىر زور مۇۋەپپەقىيىتى يېزا - بازار كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ دېھقانلارنى بېيىتىش يولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى بولۇپ قالدى.
جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى يېزىلاردىن باشلانغان مەھسۇلاتنى ئائىلىگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىندى، زور تۈركۈمدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى سانائەت ۋە قوشۇمچە كەسىپكە يۆتكىلىپ، ئۇزاقتىن بېرى بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان يېزىلار تەدرىجىي ھالدا بازار ئىگىلىكىگە كىرىپ، تاۋارلاشقان، كەسىپلەشكەن ۋە زامانىۋىلاشقان يېزا - بازار كارخانىلىرى بارلىققا كېلىپ، كەڭ يېزا - بازار ئىگىلىكى شەكىللىنىپ،100 مىليون كىشىگە ئىگە يېزا - بازار كارخانىلىرى قوشۇنى بارلىققا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز يېزىلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.1993
- يىلىغا كەلگەندە، مەملىكىتىمىز بويىچە20 مىليوندىن ئارتۇق يېزا - بازار كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى، يېزا - بازار سانائەت مەھسۇلات قىممىتى مەملىكەت بويىچە سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى، ۋەھالەنكى، بۇ يېزا - بازار كارخانىلىرى پۈتۈنلەي دېھقانلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تايىنىپ قۇرۇلغان.
يېزا - بازار كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى يېزا ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ئىچىدە ئوتتۇرىچە ئۈچ كىشىنىڭ بىرى يېزا - بازار كارخانىسىدا ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. يېزا - بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سانى(200 مىليونغا يېقىن) دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتتى. مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن300 مىليون يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى تۇرمۇشتا ئەمدى تېرىقچىلىققا تايانمايدىغان، دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلار ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسەن يېزا - بازار كارخانىلىرىدىن كېلىدىغان بولدى. دېھقانلار ئۆز تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ: «يېزا ئىگىلىكى بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ، سانائەت بولمىسا بېيىغىلى بولمايدۇ، سودا بولمىسا جانلاندۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى، دېمەك، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان يېزا - بازارلىرى شەكىللەنمەكتە.
يېزا - بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى خېلى تېز ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە يېزا قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ تېخىمۇ كۆپىيىپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ، سەھىيە، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە پاراۋانلىق مۇئەسسەسەلىرى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، يېزا - بازار كارخانىلىرى تەرەققىي تاپقان بىرمۇنچە جايلاردا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى، تېببىي داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
جۇڭگو يېزىلىرى مۇشۇ داغدام يولنى بويلاپ ھاللىق سەۋىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.