UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوغەربىي چېگرا رايوننى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى

غەربىي چېگرا رايوننى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى

بۈگۈنكى جۇڭگو ئېچىۋېتىش دەۋر ئېقىمى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمى دېڭىز بويى رايونلىرىدىن دۆلىتىمىز يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمغا قاراپ كېڭەيمەكتە. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسىدىكى100 دىن ئارتۇق ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزى ۋە چېگرا ئاھالىلىرى سودا بازىرى جۇڭگونىڭ غەربى بىلەن ئەتراپتىكى ئون نەچچە دۆلەتنى زىچ بىرلەشتۈردى. غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويماقتا. شىنجاڭ «شەرقتىن كىرگۈزۈپ غەربكە چىقىرىش» ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق شەرقىي رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى ۋاسىتە قىلىپ خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلماقتا؛ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىن چىقىدىغان چېگرا سودىسىنى جانلاندۇرماقتا. ئىچكى موڭغۇل «شىمالغا ئېچىۋېتىش، جەنۇب بىلەن بىرلىشىش» ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق شىمالىي دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەڭ رايونلىرىدىكى بازارلار ۋە موڭغۇلىيە بازارلىرىغا يۈرۈش قىلدى، جەنۇبتا ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن كەڭ ئىقتىسادىي بىرلىشىشنى قانات يايدۇردى. يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۇەن، گۇاڭشى ۋە شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار »رايونلار ھەمكارلىقى، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش« نى مەقسەت قىلىپ، كەڭ غەربىي جەنۇب ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت خەلق ئىگىلىكىنى قامدايدىغان نېفىت، كۆمۈر، ئېلېكتر كۈچى، رەڭلىك مېتال، تۆمۈريول قاتارلىق بەش چوڭ كەسىپنى ئىستراتېگىيىلىك ھالدا غەربكە يۆتكىمەكتە، بۇ غەربىي رايوننى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. نېفىت. شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا ئۆلكىلىرىنىڭ چېگرىسىدىكى چاڭچىڭ نېفىتلىكى چارلاش - ئېچىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئويمانلىق ۋە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا ئەتراپى ئېلىمىزنىڭ كېيىنكى ئەسىردىكى ئىككى چوڭ نېفىتلىكى ۋە تەبىئىي گازلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كۆمۈر. شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئىنتايىن مول، بۇ جايلاردا نەچچە10 مىڭ توننىلىق گەنسۇ خۇاتىڭ ئالاھىدە زور كۆمۈر كېنى دۆلەتنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئېلېكتر كۈچى. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقى مول، ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پەلەمپەيلىك ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ليۇجياشيا، لۇڭياڭشيا، چىڭتۇڭشيا قاتارلىق بەش ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلدى، ھازىر لىجياشيا ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش ئۈستىدە. يەنە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى شياۋسەنشيا (داشيا، شياۋشيا، ۋۇجىنشيا) ئېلېكتر ئىستانسىلىرىمۇ ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. رەڭلىك مېتال. «رەڭلىك مېتال ئۆلكىسى» دەپ نام ئالغان گەنسۇنىڭ سىنك، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىرەك يەر ئېلېمېنتلىرى، ئاق ئالتۇن قاتارلىق قېزىلمىلىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. دۆلەت ھازىر گەنسۇنىڭ رەڭلىك مېتال بازىسىنى پىلانلىق ھالدا مەبلەغ سېلىپ قۇرماقتا. تۆمۈريول. ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان ۋە قۇرماقچى بولغان تۆمۈريول چوڭ غول لىنىيىلىرىدىن باۋجى - جۇڭۋېي تۆمۈريولى؛ لەنجۇ - ئۈرۈمچى قوش لىنىيىلىك تۆمۈريولى؛ لەنجۇ - ۋۇۋېي ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريولىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇشى بار.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
غەربىي چېگرا رايوننى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki