سەنشيا قۇرۇلۇشى
بۈگۈنكى جۇڭگو
پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشىدا1994 - يىل12 - ئاينىڭ14 - كۈنى رەسمىي ئىش باشلىنىپ،1997 - يىل11 - ئاينىڭ8 - كۈنى دەريانى بوغۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە،2003 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتور گۇرۇپپىسىدىن توك ھاسىل قىلىنىپ،2009 - يىلى قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك پۈتكۈزۈلىدۇ.
سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ توسما ئورنىغا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرى سەندۇپىڭ بازىرى تاللاندى، ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى گېجۇبا سۇچىلىق تۈگۈنى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن30 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ چوڭ توسمىنىڭ ئېگىزلىكى185 مېتىر، سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى39 مىليارد300 مىليون كۇب مېتىر، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتور سىغىمچانلىقى18 مىليون200 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى84 مىليارد600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، دېمەك، ئۇنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى بەش گېجۇبا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارىدىنمۇ كۆپ. ئومۇمىي سېلىنمىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا تەخمىنەن95 مىليارد400 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
تۈگۈن قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي مۇددىتى14 يىل مۆلچەرلەندى.
سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن ئەۋزەل. يۇقىرىدا ماددىي بايلىقى مول بولغان غەربىي جەنۇب ئىقتىسادىي رايونى، تۆۋەندە ئىقتىسادى گۈللەنگەن ئوتتۇرا جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو ئىقتىسادىي رايونى بار. سەنشيا قۇرۇلۇشى پۈتكۈل چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كەلكۈن سۈيىنى تىزگىنلەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلارنىڭ كەلكۈن ئاپىتىنى ئازايتىپ ۋە تۈگىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ؛ ئۇنىڭ توك يەتكۈزۈش دائىرىسى1000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شىمالدا شىجياجۇاڭ، شەرقتە شاڭخەي، جەنۇبتا گۇاڭجۇ، غەربتە چېڭدۇغا يېتىپ بارىدۇ، بۇ رايونلار ئۈچۈن كۆپلەپ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى يەتكۈزۈپ بېرىپ، بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ؛ يەنە يىچاڭدىن چۇڭچىڭغىچە بولغان سۇ يولى شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلايدۇ،10 مىڭ توننىلىق پاراخوت ئەترەتلىرى بۇ يەر ئارقىلىق بىۋاسىتە چۇڭچىڭغا بارالايدۇ.