يېڭى ئەسىرگە تۇتىشىدىغان ئۇلۇغۋار كۆۋرۈك
بۈگۈنكى جۇڭگو
ھازىردىن باشلاپ20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىككى چوڭ كۈرەش نىشانى بار. بىرى، تەرەققىيات نىشانى، يەنى ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى قەدەملىك ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا يېتىش، يەنە بىرى، ئىسلاھات نىشانى، يەنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىش. بۇ ئىككى نىشان بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ھەم بىر - بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن ئورنىتىش ئىككىنچى قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يېتىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۈچىنچى قەدەمدىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مۇھىم شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئۇ يېڭى ئەسىرگە تۇتىشىدىغان ئۇلۇغۋار كۆۋرۈكتۇر.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشتا، بازارنى دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش شارائىتىدا بايلىق تەقىسملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش شەرت؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېچىۋېتىلگەن بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر - يېزا بازارلىرىنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىچكى بازارلار بىلەن خەلقئارا بازارلارنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، بايلىقنىڭ ياخشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان، ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان، ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىر قىسىم جايلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشى ۋە ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ئىلھام بېرىش؛ كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسى ئۈچۈن مۇناسىپ ئىجتىمائىي كاپالەت شارائىتى يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئىجادىي ھەم ئۇلۇغۋار ئىش. ئۇ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىدۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.