UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگودۆلەت بايرىقى

دۆلەت بايرىقى

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، سول تەرەپ ئۈستۈنكى تەرىپىدە سېرىق رەڭلىك بەش يۇلتۇزدىن بەشى بار، تۆت كىچىك يۇلتۇز بىر چوڭ يۇلتۇزنى ئوراپ تۇرىدۇ. چوڭ يۇلتۇز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە، كىچىك يۇلتۇزلار خەلققە سىمۋول قىلىنىپ،100 مىليونلىغان خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەتراپىغا ئۇيۇشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىش ئاساسىدا لايىھىلىنىپ پۈتكۈزۈلگەن.1949 - يىلى7 - ئايدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىن، شۇنىڭدەك چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن دۆلەت بايرىقىنىڭ لايىھىسى ھەققىدە پىكىر ئېلىپ، جەمئىي2992 لايىھىنى تاپشۇرۇۋالدى. قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە تاللاش ئارقىلىق، ئاخىر ھازىرقى لايىھە تاللاندى. بۇنى لايىھىلىگۈچى ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەيدىكى «زامانىۋى ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» دا ئىشلىگەن زېڭ ليەنسۇڭ دېگەن كىشىدۇر. دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت شېئىرى ۋەتىنىمىزنىڭ سىمۋولى، دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت شېئىرىغا ھۆرمەت قىلىش − ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى» نى تەييارلىدى، بۇ چارىدە قانداق جايدا ۋە قانداق سورۇندا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەندىن تاشقىرى، دۆلەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلىشى ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى باشقا بايراقلار بىلەن بىللە چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئورنى باشقا بايراقلاردىن ئېگىز بولىدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغان. دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا، بايراق سېپىنىڭ ئۇچىغىچە چىقىرىش شەرت. بايراق چۈشۈرگەندە، دۆلەت بايرىقىنى يەرگە تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ. تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە بايراق چىقارغاندا، بىر كىشى بايراق كۆتۈرۈپ، ئىككى كىشى ئۇنى قوغداپ مېڭىشى، قاتناشقۇچىلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىشى كېرەك. دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت بايرىقى لايىھىسىنى سودا - سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەلگىسى قىلىشقا، بېزەك، ئېلان ۋە سۈرەت نۇسخىسى قىلىشقا بولمايدۇ، ئورگان، مەكتەپ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بەلگىسى، ئىزنىكى قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو