UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگودۆلەت زېمىنى

دۆلەت زېمىنى

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ دۆلەت زېمىنىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى9 مىليون600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادىكى روسىيىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ، روسىيە ۋە كانادادىن قالسا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگو يەر شارىنىڭ شەرقىي يېرىم شارىنىڭ شىمالىي يېرىمىغا جايلاشقان. چېگرىسىنىڭ شىمالىي تەرىپى موخې دەرياسى ئەتراپىدىكى خېيلۇڭجياڭ ئاساسىي سۇ يولىنىڭ مەركىزى بولغان شىمالىي پاراللېل ′13°35 تىن باشلىنىپ، جەنۇب تەرىپى نەنخەي دېڭىزىنىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى زېڭمۇئەنشادىكى شىمالىي پاراللېل ′4°51 قىچە بارىدۇ؛ غەرب تەرىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇيۈەن ناھىيىسىدىكى خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بىلەن ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىغا يېتىپ بارىدۇ. جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئارىلىقى5500 كىلومېتىر، شەرقى بىلەن غەربنىڭ ۋاقىت پەرقى تەخمىنەن4 سائەت كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولۇپ، ئېگىز - پەسلىك پەرقى ناھايىتى چوڭ. غەربتىن شەرققە قاراپ «ئۈچ چوڭ پەلەمپەي» شەكىللەنگەن، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئاساس قىلىنغان ئەڭ ئېگىز يېرى بىرىنچى پەلەمپەي بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى كۆپىنچە4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، شۇڭا، بۇ جاي «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان. جۇڭگو بىلەن نېپال چېگرىسىغا جايلاشقان جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى13 .8848 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىن چوڭ ھىنگان تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇشەن تېغى ۋە قارلىق چوققا (شۆفېڭ) ئارىلىقى ئىككىنچى پەلەمپەي بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە1000 −2000 مېتىر كېلىدۇ، بۇ يەر ئاساسەن تاغلىق، ئېگىزلىك ۋە ئويمانلىقتىن تەركىب تاپقان. شەرقىي قىسىمدىكى بىپايان تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق ئەڭ تۆۋەن بولغان ئۈچىنچى پەلەمپەي ھېسابلىنىدۇ. ھەر خىل ئېگىزلىك يەر كۆلىمىنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن مۇنداق:3000 مېتىردىن ئېگىز يەر %25.9 نى ئىگىلەيدۇ.2000 −3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يەر %7 نى ئىگىلەيدۇ.1000 −2000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يەر %25 نى ئىگىلەيدۇ.500 −1000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يەر %16.9 نى ئىگىلەيدۇ.500 مېتىردىن پەس يەر %25.5 نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو تاغ كۆپ دۆلەتتۇر. ئاساسلىق تاغ تىزمىلىرىدىن ئالتاي تاغ تىزمىسى، تەڭرىتاغ تىزمىسى، كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، چىليەنشەن تاغ تىزمىسى، گاندىس تاغ تىزمىسى، ھىمالايا تاغ تىزمىسى، خېڭدۇەنشەن تاغ تىزمىسى، يىنشەن تاغ تىزمىسى، تەيخاڭشەن تاغ تىزمىسى، چىنلىڭ تاغ تىزمىسى، نەنلىڭ تاغ تىزمىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىسى، چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار. ھىمالايا تاغ تىزمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسىدۇر. جۇڭگودا كۆپلىگەن داڭلىق تاغلار بار، مەسىلەن، خۇاڭشەن تېغى، تەيشەن تېغى، خۇاشەن تېغى، خاۋشەن تېغى، خېڭشەن تېغى، خېڭشەن تېغى، ئېمېيشەن تېغى، لۇشەن تېغى، ۋۇداڭشەن تېغى، يەنداڭشەن تېغى قاتارلىق تاغلار مەشھۇر ساياھەت ئورنىدۇر.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
دۆلەت زېمىنى | UyghurWiki | UyghurWiki