UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوچېگرا ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر

چېگرا ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى20 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ،15 دۆلەت بىلەن قوشنا كېلىدۇ. شەرقىي شىمال تەرىپىدە چاۋشيەن، شىمال تەرىپىدە روسىيە، موڭغۇلىيە؛ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپىدە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، نېپال، سىككىم، بۇتان قاتارلىقلار بار؛ جەنۇب تەرىپىدە ۋيېتنام، لائۇس، بىرما قاتارلىقلار بار. جۇڭگو بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان قوشنا دۆلەتلەردىن شەرق تەرىپىدە ياپونىيە، كورىيە، شەرقىي جەنۇب ۋە جەنۇب تەرىپىدە فىلىپپىن، مالايسىيە، برۇنېي، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار. جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز بويى چېگرىسى شىمالدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ يالۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا جۇڭگو - ۋيېتنام چېگرىسىدىكى بېيلۇنخې دەرياسى ئېغىزىغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى18 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگودىكى چوڭ - كىچىك ئاراللار5000 دىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن80 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ 8%.0 ىنى ئىگىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
چېگرا ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر | UyghurWiki | UyghurWiki