ئىشىكنى سىرتقا يەنىمۇ ئېچىۋېتىش
بۈگۈنكى جۇڭگو
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىمىزنىڭ ئىجىتمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار، ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى دېڭىز بويىدىن دەريا بويلىرى، چېگرا بويلىرى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق جايلارغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
«دەريا بويى» دېگىنىمىز، شاڭخەيدىكى پۇدۇڭنى باشلامچى قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئالتۇن سۇ يولىنى بويلاپ ئىككى قىرغاقتىكى ئىقتىسادىي كارىدورنى، جۈملىدىن ۋۇخۇ كۆلى، جۇجياڭ، ۋۇخەن، يۆياڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق دەريا بويىدىكى مەركىزىي شەھەرلەرنى ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە مۇشۇ ئالتە رايوننى نۇقتىلىق ئېچىش، يەنى چاڭجياڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ۋۇجياڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە قېزىلما بايلىق ئېچىش رايونى؛ پەنشىدىن ليۇپەنشەنگىچە بولغان سۇ تەرەققىيات رايونى؛ چۇڭچىڭدىن يىچاڭغىچە بولغان سۇ - ئېلېكترنى ئاساس قىلغان سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات رايونى؛ ۋۇخەن مەركەز قىلىنغان چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ دەريا بويى تەرەققىيات رايونى؛ خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى چېگرىسىدىكى تەرەققىيات رايونىدا كۆپ خىل مېتال كان بازىسى، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بازىسى قۇرۇش؛ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى شاڭخەي، نىڭبو، خاڭجۇ تەرەققىيات رايونىنى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي يادرو رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەملىكەت بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش مەركىزى ۋە ئۇچۇر مەركىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.
»چېگرا بويى« نى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيىسى دېگىنىمىز، ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمال رايونىدىكى كەڭ چېگرا رايونلاردا ئۈچ چوڭ تەرەققىيات رايون قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچىسى، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭنى ئالدىنقى سەپ قىلغان شەرقىي شىمال چېگرا تەرەققىيات رايونى؛ ئىككىنچىسى، شىنجاڭنى ئالدىنقى سەپ قىلغان غەربىي چېگرا تەرەققىيات رايونى؛ ئۈچىنچىسى، يۈننەن ۋە گۇاڭشىنى ئالدىنقى سەپ قىلغان جەنۇبىي تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت. بۇ رايونلاردا ئاساسەن چېگرا سودىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلارغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، خاربىن، چاڭچۇن، خوخخوت، شىجياجۇاڭ قاتارلىق تۆت چېگرا رايوندىكى ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى، تەييۈەن، خېفېي، نەنچاڭ، جېڭجۇ، چاڭشا، چېڭدۇ، گۇيياڭ، شىئەن، لەنجۇ، شىنىڭ، يىڭچۇەن قاتارلىق ئىچكى جايلاردىكى11 ئۆلكە مەركىزىي شەھىرىدە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي بەلۋاغ بەرپا قىلىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.