UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوتەرەققىيات رايونى

تەرەققىيات رايونى

بۈگۈنكى جۇڭگو ئېلىمىزدە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى − «مەشئەل» پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.1985 - يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى بېيجىڭدىكى جۇڭگۇەنسۈن كوچىسىدا «ئېلېكترونلۇق كوچا» بەرپا قىلغان، شېنجېندا پەن - تېخنىكا سانائەت باغچىسى ئاچقاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن28 ى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېتى يەنە تاۋار ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان سۇجۇ، ۋۇشى، چاڭجۇ ۋە جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق جايلاردا «مەشئەل» يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن ئىككىنى بەرپا قىلدى. بۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنىڭ تېخنىكىلىق تەرەققىياتى ۋە بازارنىڭ گۈللىنىشىگە بارغانسېرى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يېرى كەڭ، تەبىئىي مۇھىتى بىلەن ئىجتىمائىي شارائىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور، جايلار تەرەققىيات رايونى قۇرغان چاغدا، شۇ جاينىڭ پەن - تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئەمەلىي شارائىتىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەرنى قوللاندى. بىرىنچى خىلى، مەسىلەن، بېيجىڭ، ۋۇخەن، شېنياڭلاردىكى تەرەققىيات رايونلىرى ئەسلىدە بار مۇئەسسەسە ۋە ئىختىساسلىقلار ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ رايونلار دائىرىسىنى ئايرىپ چىقىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزى توپلاش يولىغا مېڭىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ خىلدىكى تەرەققىيات رايونلىرى، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار تەڭ مەۋجۇت بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئىككىنچى خىلى، نەنجىڭ، شاڭخەي، جېڭجۇدىكى تەرەققىيات رايونلىرى، ئۇلار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇلۇپ، مەركەزلىك ھالدا تىجارەت قىلىدۇ. يەنە خەينەن، شيامېن، ۋېيخەي قاتارلىق تەرەققىيات رايونلىرى دېڭىز بويىدىكى ئوچۇق شەھەر ۋە ئالاھىدە رايونلارنىڭ مۇھىت ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىسى ۋە تېخنىكىسى؛ جۇڭگونىڭ رايونلار سىياسىتى؛ چەت ئەلنىڭ مەبلەغ ۋە بازار يولى» ئۇسۇلى بويىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچىنچى خىلى، شېنجېن، چىڭداۋ، يەنتەي قاتارلىق تەرەققىيات رايونلىرى، بۇلارنىڭ كۆپى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى قۇرۇپ ياكى پىلانلاپ بولدى، پىلانلىغان قىسمەن رايونلىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدۇر. بۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتى، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
تەرەققىيات رايونى | UyghurWiki | UyghurWiki