ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش
بۈگۈنكى جۇڭگو
تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئاشلىق، مېۋە، كۆكتات سۈپىتىگە بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە، ۋەھالەنكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر يولى ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى دېگەن نېمە؟ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىكىنى ئېكولوگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى، ئېكولوگىيە مۇھىتى ۋە ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا، شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان ئەندىزە قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ب د ت مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ «يەر شارى بويىچە500 ياخشى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋېنشى ناھىيىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇديەن، ليۇ مىنيىڭ كەنتلىرى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ دۇڭجۇاڭ كەنتى، جېجياڭ ئۆلكىسى شياۋشەن شەھىرىنىڭ شەنيى كەنتى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭجۇاڭ كەنتى قاتارلىق ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىلغار رايونلار ئوخشاش بولمىغان رايونلار − تاغلىق يەر، ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك، ئوتلاق، شەھەر ئەتراپى، سۇ تورى قاتارلىقلاردا تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنغان «يېزا ئىگىلىك تىپى» نى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن ئورمانچىلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان «دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق تىپى» دىمۇ باقمىچىلىق ئاساس قىلىنىدىغان «دېھقانچىلىق، ئورمانچلىق تىپى» بار، دېھقانچىلىق بىلەن بېلىقچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن «دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق تىپى» دا يەنە پاتقاق گازى ۋاسىتە قىلىنغان «ئېنېرگىيە تىپى» قاتارلىقلار بار. بۇ كۆلەملەردىن قارىغاندا، ئائىلىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «ئېكولوگىيە ئائىلىلىرى» بار، تەبىئىي كەنتلەر بىرلىك قىلىنغان «ئېكولوگىيە كەنتلىرى» مۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خېلى كەڭ رايونلاردا «ئېكولوگىيىلىك يېزا» ۋە پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك ناھىيىلەرمۇ بار.
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىشتا جايلارنىڭ ئەندىزىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: ئۇ بولسىمۇ قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىئوئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تاشلاندۇقلارنى كۆپ قېتىم ئايلاندۇرۇش ۋە ئايلانما پايدىلىنىش ئارقىلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ماددىي ئوبوروت، ئېنېرگىيە ئوبوروتىنىڭ قايتا ئايلانما جەريانىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداش رولىنى ئويناپ، ئاز سېلىنما (يېقىلغۇ، خام ئەشيا، ئوغۇت، يەم - خەشەك) ئارقىلىق كۆپ ھاسىلات (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ پىششىقلانغان مەھسۇلاتلىرى) قا ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتىپ، ئېكولوگىيىنى قوغداش، مۇھىتنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە بايلىقتىن ئۈزۈلدۈرمەي پايدىلىنىش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.