يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش
بۈگۈنكى جۇڭگو
1992 - يىلى9 - ئايدا دۆلىتىمىز يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇ ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىدا، يۇقىرى ھوسۇللۇق ۋە سۈپەتلىك بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر زور بۇرۇلۇشتۇر.
يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ تۆۋەندىكى ئۈچ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، بازارنى باشلامچى قىلىشتىن تولۇق پايدىلىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تۈۋرۈك قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، كەسىپلەشكەن ۋە چاتما يۈرۈشلەشكەن تىجارەت يولغا قويۇلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ياخشى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان تاۋار خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈش − يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، بۇ، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىدە بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىدىغان تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئون نەچچە يىللىق ئىسلاھات ئارقىلىق، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا كىيىنىش - تويۇنۇشتىن ھاللىق سەۋىيىگە ئۆتمەكتە، كىشىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، يېزا ئىگىلىكى نوقۇل ھالدا ئاشلىقنى نىشان قىلماستىن، بەلكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بۇرالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق «ئاشلىق - ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم - خەشەك زىرائەتلىرىنىىڭ قۇرۇلمىسى، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش» قا بۇرالدى.
يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەندىزىسى ئاساسەن مۇنداق تۆت خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، تېرىقچىلىق شەكىلدىكىسى: بۇنىڭدا مەۋقە ھازىرقى تېرىلغۇ يەر يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا قويۇلۇپ، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھاسىلات ۋە ئۈنۈم ئاشۇرۇلىدۇ، ئاساسلىقى ستېرېئولۇق تېرىقچىلىق ۋە مۇھاپىزەت يېرىدە (پارنىكتا) ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئىككىنچىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق شەكىلدىكىسى: بۇنىڭدا ئاساسلىقى چارۋىچلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاشلىقنى (يەم - بوغۇزغا) ئۆزگەرتىش ۋە شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش، ئېنېرگىيىنى سۈنئىي ھالدا خورىتىشنى ئازايتىش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپەيتىشكە تايىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى قوشۇپ قوللىنىش شەكىلدىكىسى: بۇنىڭدا ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى، شۇنىڭدەك ئىچكى ئېنېرگىيىدىن ئايلانما پايدىلىنىش ئارقىلىق، دېھقانچىلىق بىئولوگىيىسى (زىرائەت − بىرلەمچى ئىشلەپچىقارغۇچى، ھايۋانات − ئىككىلەمچى ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىستېمالچى ۋە مىكرو جانلىقلار − پارچىلىغۇچى)، دېھقانچىلىق مۇھىتى (تۇپراق، ئوغۇت، سۇ، نۇر، گاز، ئىسسىقلىق) بىلەن ئادەمنىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، سېلىنمىنى تېجەش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىلىدۇ. تۆتىنچى خىلى، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، سودا شەكىلدىكىسى: بۇنىڭدا ئاساسەن بازار يېتەكچى قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى ياخشى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كۆپ قېتىم قىممەتنى ئاشۇرۇش ۋە ئېكسپورت ئارقىلىق پېرېۋوت يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.