مىللەت ۋە دىن
بۈگۈنكى جۇڭگو
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. خەنزۇلاردىن باشقا، مەملىكەت بويىچە جەمئىي55 ئاز سانلىق مىللەت بار. بۇ مىللەتلەردىن ئاھالىسى كۆپرەكلىرى نەچچە10 مىليونغا يېتىدۇ، ئازلىرىنىڭ پەقەت نەچچە مىڭغىلا يېتىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەممە مىللەت باراۋەر، ئىتتىپاق بولۇش، ھەمكارلىشىش ۋە مىللەتلەر ئورتاق گۈللىنىش سىياسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويىدۇ. مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتونوم رايون،31 ئاپتونوم ئوبلاست،80 ئاپتونوم ناھىيە (خوشۇن) بار. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان مۇشۇ جايلارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ %64 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئومۇمىي ئاھالىسى120 مىليوندىن ئاشىدۇ.
جۇڭگو يەنە كۆپ خىل دىن مەۋجۇت دۆلەت، مەملىكەت بويىچە دىن مۇرىتلىرى تەخمىنەن30 ~40 مىليونغا يېتىدۇ. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىندى ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىلىپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق پائالىيىتى قوغدالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزۇش، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. جۇڭگودا ھازىر جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو يولچىلىق (داۋجياۋ) دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى دىنىي ئىشلار ھەيئىتى، جۇڭگو خرىستىئان دىنى »ئۈچ ئۆز« ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەيئىتى، جۇڭگو خرىستىئان دىنى جەمئىيىتى قاتارلىق دىنىي تەشكىلاتلار بار.