UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى دۇنيادۇنيانىڭ مۇھىتى

دۇنيانىڭ مۇھىتى

بۈگۈنكى دۇنيا يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، ئىنسانلار تۇرمۇش كەچۈرۈشتە يەر شارىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارى ئىنسانلارنى ھەر خىل ماددىي بايلىقلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان چوڭ مۇھىت داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، ھەتتا بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىشتەك يېڭى مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى. شۇڭا، بەزى ئالىملار مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش يادرو قوراللىرىنىڭ گۇمران قىلغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر ئاپەت دەپ خىتاب قىلماقتا. ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇھىتنى قوغداشنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى، ئىنسانلار يەر شارىنى قۇتقۇزۇش، ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشقا ئورتاق ئاتلاندى. ھازىر، دۇنيا مۇھىتىدا تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلە ساقلانماقتا:1 . دۇنيانىڭ كىلىماتى ئىسسىشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە. كىلىمات ھاۋادىكى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرايدۇ. سانائەت ئاتموسفېراغا قويۇۋەتكەن كاربون(Ⅳ) ئوكسىد، گۈڭگۈرت دىئوكسىد، مېتان قاتارلىق گازلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، »پارنىك ئېففېكتى« نى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن، دۇنيانىڭ كىلىماتى ئىسسىشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە،21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىر ھەسسە كۆپىيىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃3 ئۆرلەيدىكەن، بۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپتىكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ھەمدە يەر شارىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.2 . ئورمانلىق كۆلىمى بارغانسېرى ئازايماقتا. يەر شارىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى بىر ۋاقىتلاردا7 مىليارد600 مىليون گېكتارغا يەتكەنىدى.20 - ئەسىرنىڭ90 - يىللىرىنىڭ دەسلىپىگە كەلگەندە، ئازىيىپ تەخمىنەن2 مىليارد600 مىليون گېكتارغا چۈشۈپ قالدى. ھازىر، پۈتۈن دۇنيادا يىلىغا تەخمىنەن200 مىليون گېكتار ئورمان يوقالماقتا. ئورماننىڭ ئازىيىشى دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.3 . جانلىقلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى تېزلەشمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئەسلىدە25 مىليون خىل بولۇپ، ھازىر ئازىيىپ5 مىليوندىن10 مىليونغىچە قالغان. بۈگۈنكى كۈندە، يەر شارىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر خىل جانلىق يوقالماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە،21 - ئەسىردە يوقىلىدىغان جانلىق ئومۇمىي سانى1 مىليونغا يېتىدىكەن.4 . ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلاشماقتا. كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر يىلى ئاتموسفېراغا10 مىليارد توننىلاپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بەرگەنلىكتىن، ئاتموسفېرادىكى زىيانلىق گازلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، ئاتموسفېرا قاتلىمى ئېغىر بۇلغانماقتا. شەھەر ھاۋاسىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى روشەن تۆۋەنلەپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد روشەن كۆپىيىپ، ھاۋا بۇلغانغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىماقتا.5 . سۇ بايلىقى يېتەرسىز بولماقتا. پۈتۈن دۇنيادا تاتلىق سۇنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ.1900 - يىلىدىن1980 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تاتلىق سۇنىڭ خوراش مىقدارى ئالتە ھەسسە ئاشقان. دۇنيانىڭ 60 پىرسەنت رايونىدا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق سۇنىڭ بۇلغىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى450 مىليارد توننا بۇلغانغان سۇ دەريا، كۆل، دېڭىز - ئوكيانلارغا ئېقىپ كىرگەنلىكتىن، نۇرغۇن رايونلاردا كىشىلەر بۇلغانغان سۇنى ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېسەللىك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ.6 . يەر كۆلىمى ئازايماقتا. دۇنيادا ھەر يىلى سۇنىڭ تۇپراقنى ئېقىتىپ كېتىشى، قۇملىشىش، شورلىشىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرايدىغان يەر300 مىليون موغا يېتىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى قۇملىشىش كۆلىمى50 -70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېڭەيمەكتە. دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ھازىر پەقەت1969 - يىلىدىكىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا داۋاملىق ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ.7 . ئەخلەت، كېرەكسىز نەرسىلەر ئاپەتكە ئايلانماقتا. سانائەت، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەخلەتمۇ تېز كۆپەيمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك كېرەكسىز نەرسىلەر ھەر يىلى500 مىليون توننىلىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشماقتا.1988 - يىلى3 - ئايدا100 دىن ئارتۇق دۆلەت يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خەتەرلىك كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى خىتاب قىلدى.8 . بايلىق ئازايماقتا. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى بەزى كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۆلچەردىكى ئېچىپ ئىشلىتىش يىل چەكلىمىسى: كۈمۈشنىڭ20 يىل، ئاليۇمىننىڭ38 يىل، مىسنىڭ64 يىل، مانگاننىڭ164 يىل، تۆمۈرنىڭ172 يىل، نېفىتنىڭ40 يىل بولىدىكەن. بۇ كان بايلىقلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ھامان بىر كۈنى قۇرۇپ تۈگەيدۇ.9 . دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولماقتا. دۇنيادا دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر مۇھىت، تۇپراق، يېمەكلىك ۋە سۇ مەنبەسىنى بۇلغىماقتا. ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن1 مىليون ئادەم دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشتىن زەھەرلىنىدىكەن.10 . نوپۇس كۆپەيمەكتە. دۇنيادا بىر تەرەپتىن، يەر كۆلىمى ئازلاۋاتىدۇ، ئىسسىق بەلۋاغ ئورمىنى يوقىلىۋاتىدۇ، بايلىق تۈگەۋاتىدۇ، تەبىئىي مۇھىت يامانلىشىۋاتىدۇ، ئەمما نوپۇس كۆپىيىۋاتىدۇ. نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى كۈندىن - كۈنگە تېزلىشىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە،2099 - يىلىغا بارغاندا، دۇنيا نوپۇسى11 -12 مىلياردقا يېتىدىكەن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاپەتلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. مۇھىتنىڭ ئېغىر تەھدىتى ئالدىدا ئىنسانلار بىرلىكتە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى، ئۆزىنى قوغدىماقتا.1993 - يىل6 - ئاينىڭ5 - كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى «نامراتلىق ۋە مۇھىت − قاباھەتلىك ئايلىنىشتىن قۇتۇلۇش» دەپ بېكىتىلدى.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى دۇنيا