دۇنيادىكى مىللەتلەر
بۈگۈنكى دۇنيا
دۇنيادا تەخمىنەن2000 دىن ئارتۇق مىللەت بار. كۆپ ساندىكىسى ئىرقىي تەركىبى ساپ مىللەتلەر، ئاز ساندا ئىرقتىن ھالقىغانلىرىمۇ بار. نوپۇسى ئەڭ كۆپ يەتتە مىللەت بولۇپ، ئۇلار: خەنزۇلار، ھىندىستانلىقلار، ئامېرىكانلار، روسلار، بېنگاللار، ياپونلار، برازىللار بولۇپ، نوپۇسى100 مىليوندىن ئاشىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ29 مىللەتنىڭ نوپۇسى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. نوپۇسى100 مىڭغا يەتمەيدىغان كىچىك مىللەتتىن1400 دىن كۆپرەكى بولۇپ، نوپوسى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %4 ىگىمۇ يەتمەيدۇ.
ھەرقايسى قىتئەلەردىكى مىللەتلەرنىڭ سانى تەكشى ئەمەس. ئاسىيانىڭ يەر مەيدانى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە تارىخىي مۇساپىسىدىمۇ پەرق چوڭ بولۇپ، چوڭ - كىچىك مىللەتتىن جەمئىي1000 دىن كۆپرەكى بار. ياۋروپانىڭ كۆلىمى سەل كىچىك، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشقا پايدىلىق، كاپىتالىستىك ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان. شۇڭا، ياۋروپادا تەخمىنەن80 دەك مىللەت بار، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى سان جەھەتتە مەلۇم كۆلەمگە يەتكەن. ئافرىقا قىتئەسى، ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا200 دىن700 گىچە مىللەت بار.
مىللەت تەركىبىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) بىرلا مىللەتلىك دۆلەت، مەسىلەن، چېخ، سلوۋاكىيە، موڭغۇلىيە، چاۋشيەن، ياپونىيە قاتارلىقلار. (2) ئىككى چوڭ مىللەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان دۆلەت، مەسىلەن، ياۋروپا قىتئەسىدىكى بېلگىيە، ئاسىيا قىتئەسىدىكى سىپرۇس، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كانادا قاتارلىقلار. (3) كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئادەتتە نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بىر ئاساسىي مىللەت بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگودا خەنزۇلار ئاساسىي مىللەت، لېكىن يەنە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر بار. يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان مىللەتلەرمۇ بار. مەسىلەن، سىگانلار، يەھۇدىيلار.