UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى دۇنيادۇنيا ئاھالىسى

دۇنيا ئاھالىسى

بۈگۈنكى دۇنيا ئىنسانلار قەدىمىي ئادەمسىمان مايمۇندىن ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن4 مىليون يىللىق تەرەققىياتنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ يەككە ھالدىكى ئومۇمىي جۇغلانمىسى79 مىلياردقا يەتتى. يېقىنقى نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئاھالە تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى. ئىنسانلار بارلىققا كېلىپ1850 - يىلىغا كەلگەندە، دۇنيا ئاھالىسى تەرەققىي قىلىپ ئاران1 مىلياردقا يەتكەنىدى.1930 - يىلىغا كەلگەندە2 مىلياردقا يەتتى.30 يىلدىن كېيىن، يەنى1960 - يىلىغا كەلگەندە3 مىلياردقا يەتتى.14 يىلدىن كېيىن (1974 - يىلى)4 مىلياردقا يەتتى.1987 - يىلى7 - ئايدا12 يىلدىن كېيىنلا، دۇنيا ئاھالىسى تېز كۆپىيىپ5 مىلياردقا يەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى1987 - يىل7 - ئاينىڭ11 - كۈنىنىڭ »5 مىلياردلىق ئاھالە كۈنى« ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، دۇنيا خەلقىنى ئاھالە مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ھازىر، دۇنيادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىنۇتىغا150 ئادەم، كۈنىگە220 مىڭ ئادەم، يىلىغا80 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆپىيىپ بارغانلىقتىن،1999 - يىل10 - ئاينىڭ13 - كۈنى دۇنيا ئاھالىسى6 مىلياردقا يەتتى. لېكىن21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، يەر شارىدىكى ئادەم سانى يەر شارىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ،10 مىلياردتىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقانلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئون بوۋاقنىڭ توققۇزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تۇغۇلۇۋاتىدۇ. ئىقتىسادى تولىمۇ ئارقىدا قالغان ئافرىقىنىڭ1950 - يىلىدىكى ئاھالىسى219 مىليون بولغان بولسا،1975 - يىلىغا كەلگەندە400 مىليوندىن ئېشىپ،25 يىلدا بىر ھەسسىگە يېقىن قاتلاندى؛ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ياۋروپانىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،1950 - يىلىدىن1977 - يىلىغىچە بولغان27 يىل ئىچىدە، ئاھالىسى پەقەت %20 ئەتراپىدا كۆپەيدى. ئىنسانلار يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپىدىن باشقا ئالتە قىتئەنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. دۇنيا دائىرىسىدىن قارىغاندا، ئاھالە زىچ رايونلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقى، ياۋروپا قىتئەسى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكتىن ئىبارەت. بۇ رايونلار دۇنيادىكى قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يەتتىدىن بىرىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئومۇمىي ئاھالىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى مۇشۇ رايونلارغا توپلاشقان. ئاھالىنىڭ زىچلىق دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەدە يۇقىرى زىچلىقتىكى رايونلارنىڭ نىسبىتى باشقا ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭكىدىن چوڭ، لېكىن ئوكيانىيە قىتئەسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن، ياۋروپا ئاھالىسىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ تەكشى بولۇپ، ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا پەرقلەر ناھايىتى چوڭ. ئادەمنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەكرەك تارتىدىغىنى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىش يۈزلىنىشى بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ شەھەر ئاھالىسى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ ئۆمرى ئۇزارغان.20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى47 ياشتىن60 ياشقا ئۇزارغان بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئاھالىسىنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزارغان. ئاياللارنىڭ ئۆمرى ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولۇپ، بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. ئاھالە ئۆمرىنىڭ ئۇزىرىشى ئاھالىنىڭ قېرىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيادا، ئاھالىسى دەسلەپكى قەدەمدە قېرىلىشىش تىپىدىكى دۆلەتتىن نۆۋەتتە ئون نەچچىسى بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولۇپ، ئاساسلىقى ياپونىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئارگېنتىنا، يېڭى زېلاندىيە، پولشادىن ئىبارەت. ئاھالىسى روشەن قېرىلىشىش تىپىدىكى دۆلەتتىن30 نەچچە دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ياۋروپادىكى دۆلەتلەردۇر، بۇلاردا بۇ خىل ئەھۋال بىر ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشتى. ئاھالىنىڭ قېرىلىشىشى ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنىش بولۇپ، جەمئىيەت ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى دۇنيا