UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى دۇنيادۇنيادىكى ئىرقلار

دۇنيادىكى ئىرقلار

بۈگۈنكى دۇنيا ئىرق − بەدەن شەكلى جەھەتتە مەلۇم ئورتاق ئىرسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بېشى، بەش ئەزاسى، چېچىنىڭ شەكلى، تېرىسى، چېچى ۋە كۆزىنىڭ رەڭگى، بوي ئېگىزلىكى ۋە نىسبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئىنسانلار ئاساسەن ئۈچ ئاساسىي ئىرققا ئايرىلىدۇ. ئۇلار موڭغۇل ئىرقى، نېگىر ئىرقى ۋە ياۋروپا ئىرقى ياكى سېرىق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەر ۋە ئاق تەنلىكلەردىن ئىبارەت. سېرىق تەنلىكلەر ئاساسلىقى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىگە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان. بەدەن شەكلى جەھەتتە، تېرىسى سۇس سېرىق ياكى ئاق سېرىق، سارغۇچ دارچىن رەڭ؛ يۈز شەكلى تۈز، ياڭاق سۆڭىكى نىسبەتەن ئېگىز، بۇرنىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكى ئوتتۇراھال، كالپۇكىنىڭ قېلىنلىقى نورمال، ساقال - بۇرۇتى ۋە بەدەن تۈكى تەرەققىي قىلمىغان، چېچى قارا ھەم تۈز، كۆزىنىڭ رەڭگى نىسبەتەن قېنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قارا تەنلىكلەر ئافرىقا، ئوكيانىيە ۋە ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنىڭ سىرتقى بەلۋىغى ھەمدە ئامېرىكا قىتئەسىگە كەڭ تارقالغان. بەدەن شەكلى جەھەتتە تېرىسى سۇس قارا ياكى قوڭۇر، چېچى قارا ھەم بۈدۈر، بۇرنى كەڭ ھەم ياپىلاق، كالپۇكى قېلىن ھەم توم، بەدەن تۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرا ھال بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاق تەنلىكلەر ياۋروپاغا، ئافرىقىنىڭ غەربىي يېرىمى ۋە غەربىگە ھەمدە ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان. ئاساسىي بەدەن شەكلى جەھەتتە، تېرە رەڭگى سۇس؛ چېچى يۇمشاق دولقۇنسىمان ياكى تۈز، رەڭگى كۆپرەك ئاچ سېرىق؛ كۆزى كۆپكۆك ياكى كۈل رەڭ قوڭۇر؛ كالپۇكى نېپىز، قاڭشارلىق، بەزىلىرىنىڭ بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىدەك ئىلمەك؛ ساقال - بۇرۇتى ۋە بەدەن تۈكلىرى قويۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھەرقايسى ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى بەدەن شەكلى ئالاھىدىلىكىدە مەلۇم پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما ماھىيەتتە نۇرغۇن ئوخشاشلىق بار، مەسىلەن، مېڭىسى، بوغۇزى، تىلى، قولى، ئۇستىخىنى، يوتىسى ۋە تاپان قۇرۇلمىسى تامامەن ئوخشاش. بۇ، ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئەجدادىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەرقايسى قىتئەلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىرقىي تەركىبىدىكى پەرق خېلى چوڭ. ياۋروپا ئەڭ ساپ ئىرقلىق قىتئە بولۇپ، ئاق تەنلىكلەر تەخمىنەن 99% نى ئىگىلەيدۇ. ئوكيانىيىنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاق تەنلىكلەر تەخمىنەن %77 نى ئىگىلەيدۇ. ئافرىقا ئاھالىسى قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىرقتىن تەركىب تاپقان، ئاسىيانىڭ تارىخى ئۇزاق، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدا خېلى بۇرۇنلا ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىش باشلانغان بولغاچقا، بىرقانچە ئىرقنىڭ ھەممىسى مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىرقىي تەركىبى خېلىلا مۇرەككەپ. ئامېرىكا قىتئەسىدە ھەر تۈردىكى ئارىلاش قانلىق ئىرقلار %58 نى ئىگىلەيدۇ، ئاق تەنلىكلەر، سېرىق تەنلىكلەر ۋە قارا تەنلىكلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا %28، %4 ۋە %10 نى ئىگىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى دۇنيا