UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى دۇنيائۈچ دۇنيا

ئۈچ دۇنيا

بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە خەلقئارا سىياسىيغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قاراپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئۈچ خىل تىپقا، يەنى ئۈچ دۇنياغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئامېرىكا بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ،1 - دۇنياغا مەنسۇپ. بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى كەڭ، ئاھالىسى كۆپ، تەبىئىي بايلىقى مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچكە ئىگە.2 - دۇنيا ئاساسلىقى غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ياپونىيىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مول ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچكە ئىگە كاپىتالىستىك دۆلەت. ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيىدىن باشقا، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار3 - دۇنيانى تەشكىل قىلغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپ، زېمىنى كەڭ (تەخمىنەن دۇنيا قۇرۇقلۇقىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ)، ئاھالىسى كۆپ (تەخمىنەن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %75 ىنى ئىگىلەيدۇ)، مول بايلىققا ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادتا ئارقىدا قالغان. ئۇلار خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ۋە سىياسىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىلىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى دۇنيا
ئۈچ دۇنيا | UyghurWiki | UyghurWiki