UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى دۇنيايەر شارى

يەر شارى

بۈگۈنكى دۇنيا بىز تۇرۇۋاتقان يەر شارى ئالەم بوشلۇقىدا كېچە - كۈندۈز ئايلىنىپ تۇرىدىغان شارسىمان جىسىم. ئۇنىڭ تاشقى يۈزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى510 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە361 مىليون كۋادرات كىلومېتىرى دېڭىز - ئوكيان بولۇپ، يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق كۆلىمى (تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پەقەت %30 ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن149 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شارىدا6 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس ئولتۇراقلاشقان (2001 - يىلى). بۇنىڭ تۆتتىن بىرى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىرقەدەر باياشات بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى10 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ؛ نوپۇسنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى1000 دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. تۇرمۇشىمۇ ئانچە باياشات ئەمەس؛ بەزى جايلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى200 دوللارغىمۇ يەتمىگەچكە، تۇرمۇشى تولىمۇ نامرات ئۆتىدۇ. دۇنيادا ھازىر200 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە رايون بار، جايلارنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ تەكشىسىز. بەزى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنى كەڭ، روسىيىنىڭ يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ،17 مىليون75 مىڭ400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كانادا، جۇڭگو، ئامېرىكىنىڭ يەر كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا10 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، برازىلىيە، ئاۋسترالىيىلەرنىڭ7 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. لېكىن، بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى تۇۋالۇ ۋە ناۋرۇنىڭ يەر كۆلىمى تولىمۇ كىچىك بولۇپ، پەقەت20 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ، جۇڭگودا1 مىليارد300 مىليون (2000 - يىلى)، ھىندىستاندا1 مىليارد (2003 - يىلى)، ئامېرىكىدا200 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، روسىيە، ھىندۇنېزىيە، ياپونىيە، برازىلىيە، پاكىستانلارنىڭ نوپۇسى100 مىليوندىن ئاشىدۇ. لېكىن بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، موناكو، ئاندوررالارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى ئاز بولۇپ،20 -30 مىڭلا ئادەم بار. ئەمما، تۇۋالۇدا ئاران8400 ئادەم بار. بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، بېنگالنىڭ ئاھالە زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا500 دىن كۆپ ئادەم توغرا كېلىدۇ. سىنگاپوردا ھەتتا3800 كىشىدىن ئاشىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، بېلگىيە، ئاۋسترالىيىلەرنىڭ ئاھالە زىچلىقى ناھايىتى شالاڭ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا بىردىن ئىككىگىچە ئادەم توغرا كېلىدۇ. بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كۇبا، مالتانىڭ ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانلارغا جايلاشقان ئارال دۆلەتلىرى؛ بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، موڭغۇلىيە، شۋېتسارىيە، بولىۋىيە، زامبىيە قاتارلىقلار چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز - ئوكياندىن يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىدۇر. بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، ئىسلاندىيىنىڭ كىلىماتى سوغۇق، يىل بويى ياز بولمايدۇ؛ بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، ئېكۋاتور گۋىنىيسىنىڭ كىلىماتى ئىسسىق، يىل بويى قىش بولمايدۇ. لېكىن، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ كىلىماتى پەسىل بويىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى دۇنيا
يەر شارى | UyghurWiki | UyghurWiki