UyghurWiki
UyghurWikiبىئونىكا بىلىملىرىئادەم مېڭىسى ۋە كومپيۇتېر

ئادەم مېڭىسى ۋە كومپيۇتېر

بىئونىكا بىلىملىرى ئادەمنىڭ «بارلىق شەيئىلەردىن ئۈستۈن تۇرۇشى» ھەرقانداق ھايۋاندىن ئەقىللىق بولغان كاللىسىنىڭ بولغانلىقىدا. ئادەم مېڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەقلىد قىلىپ ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان «كومپيۇتېر (ئېلېكترونلۇق مېڭە)» نى ياساپ چىققىلى بولامدۇ - يوق؟ دېگەن بۇ بىر كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تەسەۋۋۇر ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان بەزى ئالىملارنىڭ خىيالىدا چاقناپ كەلگەنىدى. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملارنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرلىرى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشماقتا. ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى20 - ئەسىردىكى ئەڭ زور ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئالاھىدە ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ تېز ھېسابلاش ماشىنىسى10 مىليارد قېتىمدا ھېسابلاپ چىقىرىلىدىغان ھېسابنى بىر سېكۇنتتا تاماملىيالايدۇ، بۇنى ئادەم كۈچى بىلەن ھېسابلاپ ھەرگىزمۇ يېتىشكىلى بولمايدۇ. ھېسابلاش ماشىنىسى يەنە ئادەمنىڭ بەزى سېزىم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى دوراپ، مەلۇم قائىدە بويىچە ھۆكۈم ۋە ئۇقۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم مېڭىسى ئورنىدا قىسمەن ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېر «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپ نام بېرىلگەن. كومپيۇتېر «ئاجايىپ ماھارەتلىك» بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەنىلا ئىنسانلار ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئادەم مېڭىسى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇ يەنە ئادەم مېڭىسىگە يېتەلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، كومپيۇتېر پەقەت كىشىلەر بەلگىلەپ بەرگەن پروگرامما بويىچە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلسە ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالمايدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش، ئەسلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولغاچقا تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلسىمۇ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلالايدۇ. ئىككىنچىدىن، كومپيۇتېر ئېلېكترونلۇق دېتاللاردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، بىرەر دېتالى بۇزۇلۇپ ياكى ئىشلىمەس بولۇپ قالسا، پۈتكۈل كومپيۇتېر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ دېتاللىرى بولسا سانى14 مىلياردقا يېتىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، ناۋادا بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ10 /1 زەخىملەنسىمۇ يەنىلا نورمال ئىشلىيەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە زەخىملەنگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئادەم مېڭىسى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن نازۇك ھەم ئەپچىل، ئۈنۈمى يۇقىرى.14 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئىگە ئادەم مېڭىسىنىڭ ھەجمى ئاران5 .1 كۇب دېتسىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيىسى10 ۋات ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ئادەم مېڭىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرە سانى بويىچە بىر كومپيۇتېرنى تەقلىدىي ياساپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ھەربىر دېتالنىڭ ھەجمى بىر كۇب سانتىمېتىر بولغاندا، بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمىي ھەجمى ناھايىتى زورىيىپ،10 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. روشەنكى، يۇقىرى ئۈنۈم، ئىشەنچلىك ۋە ئەپچىللىك جەھەتتە، ئادەم مېڭىسى يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈلگىسىدۇر. كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ئادەم مېڭىسىنىڭكىدەك بولالماسلىقى، ئۇلارنىڭ «ئاساسىي دېتالى» نىڭ ئوخشىماسلىقىدىندۇر. كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي دېتالى كرىستال لامپا ياكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولىدۇر، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئاساسىي دېتالى بولسا نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدۇر. ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش مۇئەييەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيۇتېرنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرغا نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش ئاساسىي دېتالنى ياساپ چىقىش لازىم. بۇ خىل تەتقىقات ھازىر قەدەممۇقەدەم ئېلىپ بېرىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار بىئونىكا بىلىملىرى
ئادەم مېڭىسى ۋە كومپيۇتېر | UyghurWiki | UyghurWiki