UyghurWiki
UyghurWikiبىئونىكا بىلىملىرىيالتىراق قوڭغۇز ۋە سۈنئىي سوغۇق نۇر

يالتىراق قوڭغۇز ۋە سۈنئىي سوغۇق نۇر

بىئونىكا بىلىملىرى ئىنسانلارنىڭ ئېلېكتر چىرىغىنى كەشىپ قىلىشى تۇرمۇشنى ئاسانلاشتۇردى ۋە بېيىتتى. لېكىن، ئېلېكتر چىرىغىدا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاز بىر قىسمى كۆرۈنىدىغان نۇرغا ئايلىنىپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى شەكلىدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلېكتر چىرىغىنىڭ ئىسسىق نۇرى ئادەمنىڭ كۆزىگە زىيانلىق. ئۇنداقتا، نۇرلا چىقىرىپ ئىسسىقلىق چىقارمايدىغان نۇر (يورۇقلۇق) مەنبەسى بارمۇ - يوق؟ ئىنسانلار نەزىرىنى يەنىلا تەبىئەتكە تاشلىدى. تەبىئەت دۇنياسىدا نۇر چىقىرالايدىغان نۇرغۇن جانلىقلار، مەسىلەن، بەزى باكتېرىيىلەر، زەمبۇرۇغلار، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، قاسىراقلىق ھايۋانلار، ھاشاراتلار ۋە بېلىقلار بار بولۇپ، بۇ ھايۋانلارنىڭ چىقارغان نۇرلىرى ئىسسىقلىق پەيدا قىلمايدىغان بولغاچقا، بۇنداق نۇر «سوغۇق نۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. يالتىراق قوڭغۇز نۇرغۇن نۇر چىقىرىدىغان ھايۋانلار ئىچىدىكى بىر تۈرىدۇر. يالتىراق قوڭغۇزنىڭ تەخمىنەن1500 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۇلار چىقارغان سوغۇق نۇرلارنىڭ رەڭگى سارغۇچ يېشىل ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلەردە بولۇپ، يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ. يالتىراق قوڭغۇز چىقارغان سوغۇق نۇرلارنىڭ چىقىرىلىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن يېقىملىق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە تازا باب كېلىدۇ، شۇنداقلا نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى. شۇڭا جانلىقلار چىقارغان نۇرلار ئىنسانلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىل نۇر ھېسابلىنىدۇ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يالتىراق قوڭغۇزنىڭ نۇر چىقىرىش ئاپپاراتى ئۇنىڭ قورساق قىسمىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ نۇر چېچىش ئاپپاراتى نۇر چىقىرىش قەۋىتى، سۈزۈك قەۋەت ۋە نۇر تارقىتىش قەۋىتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى بايقىدى. نۇر چىقىرىش قەۋىتىدە نەچچە مىڭلىغان نۇر چىقارغۇچى ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا يالتىراق نۇر ماددىسى بىلەن يالتىراق نۇر ئېنزىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ماددا بولىدۇ. يالتىراق نۇر ماددىسى بولسا يالتىراق نۇر ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئوكسىگېن بىلەن بىرىكىپ يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ. يالتىراق قوڭغۇزنىڭ نۇر چىقىرىشى ماھىيەتتە، خىمىيىۋى ئېنېرگىيىنى يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت.20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدا، كىشىلەر يالتىراق قوڭغۇز ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسەن كۈن نۇرلۇق لامپىنى ئىجاد قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ يورۇتۇش نۇر مەنبەسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار يالتىراق قوڭغۇزنىڭ نۇر چىقىرىش ئاپپاراتىدىن ئاۋۋال ساپ يالتىراق نۇر ماددىسىنى، ئاندىن يالتىراق نۇر ئېنزىمىنى ئايرىپ چىقاردى ھەمدە ئارقىدىنلا يالتىراق نۇر ماددىسىنى خىمىيىۋى ئۇسۇلدا سۈنئىي سىنتېزلاپ چىقتى. يالتىراق نۇر ماددىسى، يالتىراق نۇر ئېنزىمى، PTA (ئادېنوزىن ترىفوسفات) ۋە سۇنى ئارىلاشتۇرۇشتىن ھاسىل قىلىنغان جانلىقلار نۇر مەنبەسىنى پارتلاشچان گاز بىلەن تولغان كان قۇدۇقلىرىدا چاقماق لامپا قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل نۇرنىڭ ئېلېكتر مەنبەسى يوق، شۇنداقلا ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلمايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ يورۇقىدا ماگىنىتلىق تورپېدا (سۇ مىناسى) تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر، كىشىلەر بەزى خىمىيىۋى ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق جانلىقلار چىقارغان نۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان سوغۇق نۇرلارنى ھاسىل قىلىپ، يورۇتۇش ئىشلىرىدا بىخەتەر ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار بىئونىكا بىلىملىرى
يالتىراق قوڭغۇز ۋە سۈنئىي سوغۇق نۇر | UyghurWiki | UyghurWiki