UyghurWiki
UyghurWikiبىئونىكا بىلىملىرىبالانۇس قۇلۇلىسى ۋە يېپىشتۇرغۇچى ماددا

بالانۇس قۇلۇلىسى ۋە يېپىشتۇرغۇچى ماددا

بىئونىكا بىلىملىرى دېڭىز ياقىلىرىدىكى تاغ جىنسلىرىغا، دېڭىزدا قاتناپ يۈرگەن پاراخوت گەۋدىلىرىگە ۋە ياكى دېڭىزدىكى باشقا سۈنئىي ئەسلىھەلەرگە بالانۇس قۇلۇلىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قاسىراقلىق ھايۋان يېپىشىۋالىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارغا سالىدىغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. يەنى پاراخوتنىڭ ئاستىغا يېپىشىۋېلىپ، پاراخوتنىڭ ئالدىغا ئىلگىرىلەشتىكى قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ مېتال قۇرۇلمىلارغا يېپىشىۋېلىپ، مېتال يۈزىدىكى سىرلانغان قوغداش قەۋىتىنى بۇزۇپ، مېتالنىڭ چىرىشىنى تېزلىتىۋىېتىدۇ؛ بېلىقچىلىق كېمىلىرى ۋە سودا كېمىلىرىنىڭ ئاستىغا يېپىشىۋېلىپ ئۇلارنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، كىشىلەرگە ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرىدۇ. بۇرۇن كىشىلەر بالانۇس قۇلۇلىسىنى بىر خىل زىيانلىق جانلىق دەپ قاراپ دائىم تازىلاپ تۇراتتى. كېيىنچە كىشىلەر كېمە ئاستىدىكى بۇ بالانۇس قۇلۇلىلىرىنى تازىلاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى »بالانۇس قۇلۇلىسى يېلىمى« دەپ ئاتىغان. بۇ خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، ناۋادا پولاتقا يېپىشىۋالسا قىرغاندا پولات قىرىندىلىرىمۇ بىللە قىرىلىپ چۈشىدىكەن. بالانۇس قۇلۇلىسى تاشقاتمىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نەچچە مىڭ يىل بولغان بالانۇس قۇلۇلىسى تاشقاتمىسىنىڭ باشقا جانلىقلار تاشقاتمىلىرىغا يەنىلا چىڭ يېپىشىپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، بالانۇس قۇلۇلىسى يېلىمىنىڭ تەركىبىنى تەتقىق قىلىشقا ھەمدە تەقلىدىي يېلىم ياساشقا باشلاپ، ئالاھىدە يېپىشتۇرغۇچى ماددىنى ياساپ چىققان. بۇ خىل يېپىشتۇرغۇچى ماددىنى ℃0 ~ ℃25 دائىرىسىدە ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ كېرىلىشكە بولغان چىدامچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، پولات تاختايلارنى يەملەشكە بولىدۇ. بۇ خىل يېپىشتۇرغۇچى ماددا كېمە - پاراخوتلارنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلسە، ئىككى پارچە پولات تاختاينى سۇ ئاستىدا5 ~10 مىنۇتتىلا مەھكەم يەملەپ بولغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى يەملەشكە ئىشلىتىلسە، ئۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى سېمونت» دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل يېپىشتۇرغۇچى ماددا تاشقى ئوپېراتسىيىلەردە ئىشلىتىلسە، تىكىش خۇددى قەغەز چاپلىغاندەك ئاسان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئونىكا بىلىملىرى