UyghurWiki›بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى›جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى تولدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى
جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى تولدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى
بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى
ئەزەلدىن كىشىلەر جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئوتتۇرىسىدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ مەۋجۇت. جانلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ، بەزى جانلىقلاردا تېخى تەپەككۇر بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىقلار تېنىدە بىر خىل ئالاھىدە «ھاياتىي كۈچ» نىڭ بولغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ خىل «ھاياتىي كۈچ» جانلىقلار تېنىدىن ئايرىلغان ھامان جانلىقلار ھاياتلىق ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ - دە، ئۆلىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن.19
- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىمىيە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. يەنى دالتون ئىلمىي يوسۇندا ئاتوم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى ئېلېمېنتلار ئارقا - ئارقىدىن تېپىلدى. بېرزىلىئۇس نۇرغۇن ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى بېكىتتى ھەمدە ھازىر قوللىنىلىۋاتقان خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ يەنە ئورگانىك ماددىلارنىڭمۇ ئانئورگانىك ماددىلارغا ئوخشاش ئاتوملاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ خاتا ھالدا ئورگانىك ماددا ئاتوملىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرىكىشنى، ئاددىي ھالدا ئانئورگانىك ماددىغا ئىشلەتكەن خىمىيىۋى تېئورېمىغا سېلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان.1828
- يىلى، بېرزىلىئۇسنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋولېر مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلەيدۇ: يەنى ئۇ ئاممونىي سىئانىد ئېرىتمىسىنى قىزدۇرۇپ، ھاسىلاتتا ئۇرېيىگە ئوپمۇئوخشاش بىر خىل ئاق رەڭلىك ماددىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. ۋولېر بۇ تەجرىبىنى زەن قويۇپ تەكرار ئىشلەش ئارقىلىق رېئاكسىيىدە ھامان بىر ئاق رەڭلىك ماددىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى، بۇ ماددا دەل ئۇرېيىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ۋولېر بۇ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە شۇ چاغدىكى خىمىيە ئالىملىرى بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى، «ھاياتىي كۈچ نەزەرىيىسى» دە ئورگانىك ماددىلار پەقەت جانلىقلار تېنىدىلا ھاسىل بولىدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، ئورگانىك ماددا − ئۇرېيىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايتتى.1845
- يىلى، گېرمانىيە خىمىيە ئالىمى كولبې تۇنجى قېتىم ئورگانىك ماددا سىركە كىسلاتانى ئانئورگانىك ماددىلاردىن پايدىلىنىپ سۈنئىي سىنتېزلاپ چىقىدۇ. كېيىن بۇنداق تەجرىبىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىپ، ھاياتىي كۈچ نەزەرىيىسى ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلەر پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئانئورگانىك ماددىلارغا باب كېلىدىغان خىمىيىۋى پرىنسىپلار، ئوخشاشلا ئورگانىك ماددىلارغىمۇ باب كېلىدىغانلىقىنى ئاخىر تونۇپ يېتىدۇ. خىمىيە ئالىملىرىنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويىدۇ.