ئاناتومىيىنىڭ يېڭىلىنىشى
بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى
ئاناتومىيە مېدىتسىنادىكى ئاساس پەنلەرنىڭ بىرى. كېسەلنى ئېنىقلاش ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشىنىش ۋە پىششىق بىلىشكە توغرا كېلىدۇ، ئاناتومىيە ئەنە شۇ ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىلدۈرىدىغان پەن.
قەدىمكى مىسىرلىقلار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن جەسەتنى مۇمىيالايدىكەن، مىسىرلىقلار ئۇزاق دەۋر مۇمىيا ياساش جەريانىدا مەلۇم ئاناتومىيە بىلىملىرىنى توپلىغان. لېكىن، ئۇ چاغلاردا ئۇلار ئادەم بەدىنىگە خۇراپىيلارچە ئىشەنگەچكە، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن تۈزۈلۈشلەرنى سىرلىق قىلىپ چۈشەندۈرگەن. دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قەدىمكى گرېكلار ئادەم بەدىنىنى يېرىشتىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىدىغان بولغاچقا، ئىسكەندەرىيە دەۋرىدە ئادەم بەدىنىنى يېرىپ كۆزىتىش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئادەمنىڭ ئورنىدا ھايۋانلارنى يېرىپ كۆزەتكەن.
مىلادىيە2 - ئەسىرنىڭ قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى دوختۇر گالېن ئاناتومىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئوبدان بىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ھايۋانلاردىن ئېرىشكەن ئاناتومىيە بىلىملىرىنى ئادەم بەدىنىگە تەتبىقلىغاچقا، نۇرغۇن خاتالىقلار كۆرۈلگەن. مەسىلەن، ئۇ ئادەمنىڭ جىگىرى ئىتنىڭ جىگىرىگە ئوخشاش بەش قاناتلىق بولىدۇ، جىگەر ۋېنانىڭ چىقىش مەنبەسى، يۈرەكنىڭ بۆلگۈچ پەردىسىدە كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، قان ئۇلاردىن ئەركىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش قاراشلاردا بولغان.
گالېننىڭ ئاناتومىيە ھەققىدىكى ئەسىرى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە كلاسسىك ئەسەر دەپ قارالغان ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي جەمئىيەتمۇ جەسەتلەرنى يېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلغاچقا، كىشىلەر بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە ئامالسىز قالغان.16
- ئەسىرگە كەلگەندە ۋېسالىئۇس ئادەم بەدىنىنى بىۋاسىتە كۆزىتىشكە باشلىغان. ئۇ پارىژدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، دارغا ئېسىلغان بىر جىنايەتچىنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلىغان. ئۇ يەنە بىر ئۆلۈك ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنى پەلتوسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ گۆردىن جەسەت ئوغرىلىغان. فرانسىيىنىڭ دىنىي سوتخانىسى ئۇنىڭ بۇ خىل «بىدئەت» قىلىقلىرىغا دىققەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاجسىز ھالدا ئىتالىيىگە بېرىپ دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئاناتومىيە پروفېسسورلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن ئەسىرى1543 - يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئادەم بەدىنىدىكى ئىسكىلىتلار، مۇسكۇللار، قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلارنىڭ تەبىئىي شەكلى ۋە تارقىلىشى قاتارلىقلارنى ئاناتومىيىلىك تەرتىپى بويىچە بايان قىلغان.
«ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى يېقىنقى زامان ئاناتومىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى خۇددى كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» ئاسترونومىيە ئۈچۈن يېڭى دەۋر ئاچقانغا ئوخشاش بىئولوگىيە تەرەققىياتى تارىخىدىكى نامايەندە ھېسابلاندى.