UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىبىر پەسىيىپ بىر كۆتۈرۈلگەن گېنېتىكا

بىر پەسىيىپ بىر كۆتۈرۈلگەن گېنېتىكا

بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەر خېلى بۇرۇنلار جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق بىر مۇھىم پەرققە: يەنى جانلىقلار ئۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەۋلاد قالدۇرالايدىغانلىقىغا، جانسىزلاردا بولسا ئۇنداق ئەھۋالنىڭ بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنداقتا، جانلىقلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەۋلادلىرى نېمە ئۈچۈن ئوخشىشىدۇ؟ بۇ خىل ئوخشىشىش قانداق قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئەۋلادلىرىغا مىراس بولۇپ قالىدۇ؟ مانا بۇ كىشىلەرنىڭ گېنېتىكىغا قويغان سوئالىدۇر. قەدىمكى يۇناننىڭ مەشھۇر دوختۇرى ھىپوكرات: ئىسپېرما بىلەن تۆرەلمىدە ئەجدادىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنتايىن كىچىك تۆرەلمە بىخلار مەركەزلەشكەن بولغاچقا، كېيىن ئۇلار تەرەققىي قىلىپ ھەربىرى كونكرېت ئەزالارغا ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە ئەجدادتا كېيىن پەيدا بولغان بەزى ئالاھىدىلىكلەر (بەلگىلەر) نىڭمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ جىسمىدا ئىپادىلىنىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ بىلىكىگە داغمال بىلەن تامغا بېسىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ بىلىكىدىمۇ ئاشۇنداق بەلگە بولىدۇ دەپ قارىغان. ئارىستوتېل بولسا دادىنىڭ ئىسپېرمىسى ئەۋلادىنى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ تۆرەلمە بىخلىرى بىلەن تەمىنلىمەستىن، بەلكى ئانىنى تېخى شەكىلگە كىرمىگەن ئەۋلادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن «قۇرۇلۇش پىلانى» ياكى «سخېما» بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلىدىغىنى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ئۆرنىكى بولماستىن، بەلكى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلاردۇر، دەپ قارىغان. بىراق، ئۇنىڭ بۇ قارىشىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە2000 يىلدىن ئاشتى. ئاۋسترىيە برنو موناستىرىدىكى مېندېل يېقىنقى زامان گېنېتىكىسىغا ئۇل سالغۇچى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ1854 - يىلىدىن1864 - يىلىغىچە كۆك پۇرچاقنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ،1865 - يىلى «ئۆسۈملۈكلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى» دېگەن ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، ئەجدادنىڭ ئەۋلادقا مىراس قىلىپ قالدۇرىغىنى بەلگە (ئالامەت)نىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى بەلگىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر، دەپ قارايدۇ. ئامىللار ئۆزئارا مۇستەقىل بولىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلمايلا قالماي، مۇئەييەن شارائىتتا يەنە ئايرىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزئارا يېڭىۋاشتىن گۇرۇپپىلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئىرسىيەت ھەققىدىكى ئىككى قانۇنى ستاتىستىكىلىق ئېنىقلىققا ئىگە. مېندېلنىڭ بۇ ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئۇنىڭ زامانداشلىرى چۈشەنمىگەن ۋە قوبۇل قىلالمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسى35 يىل بېسىلىپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى جانلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىشلىتىلىشچانلىقى بولۇپ، ئىشلىتىلىش مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان كۆك پۇرچاقنىڭ ئېگىز ياكى پەس ئۆسۈشى، گۈلىنىڭ قىزىل ياكى ئاق بولۇشى، دانلىرىنىڭ يۇمىلاق ياكى پۈرمە بولۇشى بىلەن كارى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئەينى زاماندا تارقىلىپ يۈرگەن يۇغۇرۇلما ئىرسىيەت تەلىماتىمۇ بۇ يېڭى تەلىماتنىڭ پارلاق نۇرىنى توسۇۋالغانىدى. دارۋىننىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى گالتون يۇغۇرۇلما نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىپ، جانلىقلار ستاتىستىكىلىق گېنېتىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، جانلىقلار تېنىدە ئاتىسىدىن يىراق بوۋىسىغىچە بولغان بارلىق ئەجدادلىرىنىڭ ئىرسىي تەركىبلىرى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دادىسى ئىككىدىن بىرىنى، بوۋىسى تۆتتىن بىرىنى، بوۋىسىنىڭ دادىسى سەككىزدىن بىرىنى، ... ئىگىلەيدۇ، دەپ قارىغان. ئۆز زامانداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، مېندېل ئۇلاردىن خېلىلا ئىلگىرىلەپ كەتكەنىدى.1900 - يىلى ئۈچ نەپەر ئالىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېندېلنىڭ35 يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىنى بايقاپ، مېندېلنى ئىلىم - پەن ساھەسىگە قايتىدىن تونۇتۇپ، گېنېتىكا توغرىسىدىكى چوڭ مۇناىرىنى باشلىۋېتىدۇ. مۇنازىرىلەشكۈچى بىر تەرەپنىڭ سەركەردىسى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە پروفېسسورى باتېسون ئىدى. ئۇ پويىزدا مېندېل تەلىماتىنىڭ قايتا بايقالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، بۇ تەلىماتنىڭ ئېنىق، توغرا ۋە پۇختا مەنتىقىسىگە قايىل بولۇپ، مېندېل تەلىماتىنىڭ قىزغىن تەشۋىقاتچىسى بولۇپ قالىدۇ. مۇنازىرىلەشكۈچى يەنە بىرتەرەپنىڭ باش قوماندانى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋېلتون بولۇپ، ئۇ گالتون تەلىماتىنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ئىدى. گالتون ئېقىمىدىكىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بارلىق ژۇرناللار ئاساسەن دېگۈدەك مېندېلنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قوللايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغاچقا، باتېسون مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن بېسىپ تارقىتىدۇ. تۆت يىل قاتتىق مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق مېندېل تەلىماتى ئاخىر مۈشكۈل ئەھۋالدىن خالاس بولىدۇ. خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن، يەنى داۋاملىق ئۆزگىرىش ھەققىدىكى تەلىمات مېندېل تەلىماتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندا، ئىككى ئېقىمدىكىلەر يارىشىپ قول ئېلىشىدۇ. مېندېل گېنېتىكىسىنى نۇرغۇن ئالىملار بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، بولۇپمۇ مورگان باشچىلىقىدىكى مېۋە چىۋىنىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىرسىي ھادىسىلەر ۋە خروموسوملارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مېندېل تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇپ ھۈجەيرە گېنېتىكىسىغا ئايلاندۇردى. شۇنداق قىلىپ، گېنېتىكا مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولدى.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى