UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىقان ئايلىنىش سىستېمىسى

قان ئايلىنىش سىستېمىسى

بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا، تەر تۆكۈشكە توغرا كېلىپلا قالماي، بەزىدە ئىسسىق قېنىنى، ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «قان ئايلىنىش سىستېمىسى» ھەقىقەتەن خارۋېي (1578 −1657 )نىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن.16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋېسالىئۇس ئادەم ئاناتومىيىسىنى يېڭىۋاشتىن تىكلىگەندىن كېيىن، بىئولوگىيە ئالىملىرى ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى، بولۇپمۇ يۈرەك ۋە قاننىڭ ئېقىش مەسىلىسىنى قايتا تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن، شۇ چاغلاردا قەدىمكى ئالىم گالېننىڭ تەلىماتى ھەمىشە توسالغۇ بولۇپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دىنىي جەمئىيەت بۇ خىل تەلىماتنى قانۇن قىلىۋالغاچقا، خىلاپلىق قىلىشقا بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن، كۆپلىگەن ئالىملار دىنىي جەمئىيەتنىڭ توسۇقلىرىدىن بىرقەدەممۇ ئۆتەلمەيتتى. لېكىن، ئەنگلىيىلىك دوختۇر خارۋېي ئۆز تەجرىبىلىرى ئارقىلىق، گالېننىڭ قان يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىدىن بۆلگۈچ پەردە ئارقىلىق يۈرەك سول قېرىنچىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ، دېگەن گېپىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ ھەمدە گالېن تەلىماتىدىكى قاننىڭ ئېقىشى تاشقىن كەلگەندەك ۋە تاشقىن پەسەيگەندەك بولىدۇ، دېگەن نۇقتىئىنەزىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قان يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىدىن يۈرەك سول قېرىنچىسىغا ئېقىپ كىرىشتە بۆلگۈچ پەردىدىكى تۆشۈكچىلەردىن ئۆتمەستىن، بەلكى ئۆپكىدىن ئۆتۈپ ئۇزاق مۇساپىلىك ئەگرى - توقاي يوللارنى بېسىپ قايتىدۇ. بەزى چوڭ ۋېنالاردا كلاپانلار بولۇپ، ئۇلار خۇددى توسمىغا ئوخشاش قاننى يۈرەككە قارىتا ئەركىن ئاققۇزۇپ، قاننىڭ تەتۈر ئېقىشىنى توسىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن خارۋېي: قان يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىدىن ئۆپكە ئارتېرىيە شاخ تومۇرلىرىغا ئۆتىدۇ، يەنە ئۆپكە توقۇلمىلىرى ۋە ئۇلار تۇتاشقان ئۆپكە ۋېنا شاخ تومۇرىغا ئۆتۈپ، ئاندىن يۈرەك سول قېرىنچىسىغا ئېقىپ كىرىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە، يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىدىكى ۋېنا قېنى ئۆپكە ئارقىلىق ئارتېرىيە يېڭى قېنىغا ئايلىنىپ يەنە يۈرەك سول دالانچىسىغا قايتىپ كېلىدۇ، دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مانا بۇ نۇقتىئىنەزەر »قان ئايلىنىش سىستېمىسى« تەلىماتى، دەپ ئاتىلىدۇ. خارۋېي ئۆز تەتقىقاتىدا مىقدارلىق ئۇسۇلنىمۇ قوللانغان بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈرىكى ھەر قېتىم سوققاندا60 ~80 مىللىلىتىر قاننى سىقىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئەگەر يۈرەك مىنۇتىغا75 قېتىم سوقسا ھەمدە مىنۇتىغا4500 ~6000 مىللىلىتىر قاننى سىقىپ چىقارسا، ئۇنداقتا سائىتىگە كەم دېگەندە270 لىتىر قاننى سىقىپ چىقىرىدۇ. بۇنچىلىك قاننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بىر ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئەمما بىر ئادەمنىڭ ئومۇمىي قان مىقدارى بولسا ئاران5 .4 لىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. مانا بۇ، قاننىڭ پۈتۈن بەدەندە ئۈزلۈكسىز ئايلىنىش ئارقىلىق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، قان ئايلىنىشنى توختاتمايدىغىنى سوقۇۋاتقان يۈرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خارۋېينىڭ ئىشلىرى گالېننىڭ قاننىڭ ئېقىشى توغرىسىدىكى خاتا ھۆكمىنى يىمىرىپ تاشلاپ، ئىلمىي بولغان قان ئايلىنىش كۆزقارىشىنى ھەقىقىي تىكلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ خىيالىغا تايىنىدىغان ئەنئەنىسىنى تەجرىبە نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، بىئولوگىيىنى ھەقىقىي پەن قىلىپ تىكلىدى. لېكىن، قان ئايلىنىش تەلىماتى شۇ چاغدىكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئابرۇيىغا دەخلى يەتكۈزگەچكە، بىدئەت تەلىمات دەپ قارىلىپ، دىنىي سوت خارۋېينى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغاندا بولسا خارۋېي ئېچىنىشلىق ھالدا ئىككى سائەت كۆيگەن.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى