ھاياتلىق سىرىنىڭ ئېچىلىشى
بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى
جانلىقلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى، ئەۋلادلىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئارقىسىدا داۋاملىق كۆپىيىپ بارىدۇ. جانلىقلار زادى قانداق ماددا ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزىدۇ؟ ھازىر نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىرسىي ماددىسى ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم. نۇكلېئىن كىسلاتا بايقالغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئىرسىي ماددا ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگىنىگە توپتوغرا70 نەچچە يىل بولدى.1868
- يىلى، شۋېتسارىيىلىك مىچېل يىرىڭ ھۈجەيرىسىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنى تەتقىق قىلىش ۋاقتىدا، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى بىر بىمارنىڭ كېرەكسىز داكىسىدىكى يىرىڭ ھۈجەيرىلىرىنى يىغىۋېلىپ، ھۈجەيرىلەردىكى ياغدا ئېرىيدىغان ماددىلارنى ئىسپىرتتا ئېرىتىپ، ئۇنى يەنە ھەر خىل ئاقسىللارنى ھەزىم قىلىدىغان ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى بىلەن بىرتەرەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا مىچېل يىرىڭ ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدا ئىسپىرتتىمۇ، ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىدىمۇ ئېرىمەيدىغان بىر خىل كىسلاتالىق قالدۇق ماددىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. بۇ بايقاشنى گېرمانىيە خىمىيە ئالىمى ھوپپېي - سېيلېر تەستىقلايدۇ ھەمدە بۇ خىل نەرسىنى نۇكلېئىن كىسلاتا دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ خىل ماددا »ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىشىدە بەلكىم ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن« دەپ قىياس قىلىدۇ.
كېيىن، نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ ئىككى خىل بولىدىغانلىقى بايقىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر خىلى ھۈجەيرە يادروسىدا بولۇپ، AND دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىرسىي ماددىمۇ - ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئىسپاتلاشقا15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ.
گەپنى ئەمدى ئۆپكە ياللۇغىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك باكتېرىيىسى ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر خىل تىپىنىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت كاپسۇلىسى بولۇپ، زەھەرلىك كۈچى چوڭ بولىدۇ؛ يەنە بىر خىلىنىڭ كاپسۇلىسى يوق بولۇپ، زەھەرلىك كۈچى كىچىك بولىدۇ.1929 - يىلى ئەنگلىيە باكتېرىئولوگىيە ئالىمى گرىففىس كاپسۇلىسى يوق تىرىك ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسىنى كاپسۇلىسى بار ئۆلۈك ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا چاشقان تېنىگە ئوكۇل قىلىپ، چاشقان تېنىدىن كاپسۇلىسى بار تىرىك باكتېرىيىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ، كاپسۇلىسى يوق تىرىك باكتېرىيىنىڭ كاپسۇلىسى بار ئۆلۈك باكتېرىيىدىن مەلۇم خىل ماددىغا ئېرىشىپ، زەھەرلىك كۈچى كىچىك تۈردىن زەھەرلىك كۈچى چوڭ تۈرگە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.1944
- يىلى، ئامېرىكىلىق ئافرۇي، ماكلېئود ۋە مككارتىدىن ئىبارەت ئۈچ نەپەر بىئوخىمىيە ئالىمى گرىففىسنىڭ تەجرىبىسىنى باشقىدىن ئىشلەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار كاپسۇلىسى بار ئۆلۈك قوش شارچە باكتېرىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ تېنىدىكى ساپ AND نى ئايرىۋېلىپ ئىشلەتكەندە بۇ خىل ئايلىنىش ھادىسىسىنىڭ تېخىمۇ روشەن بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭ بىلەن AND نىڭ ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسىدىكى زەھەرلىك كۈچى كىچىك تۈردىن زەھەرلىك كۈچى چوڭ تۈرگە ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبچى ئىكەنلىكى، AND نىڭ ئىرسىي ماددا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.