UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىمۇنازىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۆلۈم ئېنىقلىمىسى

مۇنازىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۆلۈم ئېنىقلىمىسى

بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى ئادەتتە كىشىلەر يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەسلىنىش توختىسا، ئۆلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئىش بۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس. مەلۇم خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئادەم تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەندە (شوك بولغاندا)، يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ۋە نەپەسلىنىشى توختاپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا دەل ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇلسا ۋە ئامال - چارىلەر مۇۋاپىق بولسا، بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ۋە نەپەسلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىرەر ئېنىقلىما تېخى يوق. نۇرغۇن دۆلەتلەردە مېدىتسىنا، قانۇن ۋە ئېتىكا (ئەخلاق ھەققىدىكى تەلىمات) ساھەسىدىكىلەر قوبۇل قىلالايدىغان ئۆلۈمنىڭ مىزانىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تۇرغۇزىدىغان مەخسۇس ئورگانلار تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ توغرىدىكى تالاش - تارتىشلار ھازىرمۇ بېسىلغىنى يوق. فرانسىيە، ئامېرىكا، شۋېتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مېڭە فۇنكسىيىسىنىڭ ئەسلىگە كېلەلمەسلىكى ئۆلۈمنىڭ ئېنىقلىمىسى قىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيىدە بولسا مېڭە غولى فۇنكسىيىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش - كېلەلمەسلىكىنى كۆپرەك تەكىتلەيدۇ، چۈنكى مېڭە غولى يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەسلىنىشنىڭ مەركىزىدۇر. ياپونىيىدە بولسا بەزىلەر، مېڭە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ مېڭە ئاستىدىكى ھىپوفىز داۋاملىق ھورمون ئاجرىتىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھەقىقىي ئۆلگەنلىك ھېسابلانمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۆلۈمنىڭ ئېنىقلىمىسىنى تەتقىق قىلغاندا، ئاڭ ياكى ئۆزىنى بىلىشنىڭ كۆرۈلۈشى ئادەم ھاياتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى (ھامىلە نەزەردە تۇتۇلغان)؛ شۇڭا، ئۆلۈمنى ئاڭ ياكى ئۆزىنى بىلىشنىڭ مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەي يوقۇلۇشى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھاياتلىق ئېنىقلىمىسىدىن پايدىلانغان. لېكىن، بۇ ئېنىقلىما توغرۇلۇقمۇ تالاش - تارتىشلار بار. مەسىلەن،1985 - يىلى ئېلىمىزنىڭ خۇبېي ئۆلكىسى شاشى شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ بىر ئايال ئىشچىسى قاتناش ۋەقەسىدە ھوشىدىن كەتكەن، ئۈچ يىل ئالاھىدە پەرۋىش قىلىش ۋە جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق، ئۈچ يىل قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان بۇ «ئۆسۈملۈك ئايال» 1988 - يىلى خۇددى مۆجىزە يارالغاندەك ھوشىغا كېلىپ ئېسىنى بىلگەن. كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان بۇ ئىش ئۆلۈم ئېنىقلىمىسىغا قارىتا، ئۆزىنى بىلىشنىڭ ئەسلىگە كەلمەسلىكىگە يەنە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان. قارىغاندا، ئۆلۈمنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار يەنە داۋاملىشىدىغاندەك تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى
مۇنازىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۆلۈم ئېنىقلىمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki