UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىتەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئىلاھ يارىتىش نەزەرىيىسىنىڭ كۈرىشى

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئىلاھ يارىتىش نەزەرىيىسىنىڭ كۈرىشى

بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى فرانسىيە بىئولوگىيە ئالىمى لامارك. لاماركتىن كېيىنكى يۈز يىل مابەينىدە، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا مەشھۇر ئۈچ قېتىملىق چوڭ مۇنازىرە قانات يايدۇرۇلغان. تۇنجى قېتىمقى مۇنازىرە1830 - يىلى بولغان. مۇنازىرىلەشكۈچى بىر تەرەپ لاماركنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە لامارك تەلىماتىنى قوللىغۇچى ساينت - ھىلارى، يەنە بىرتەرەپ بولسا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغۇچى كۇۋىيېر ئىدى. كۇۋيېرنىڭ تاكسونومىيە، سېلىشتۇرما ئاناتومىيە ۋە پالېئوبىئولوگىيىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ ئوخشاش بولمىغان يەر قاتلاملىرىدىكى ئوخشاشمىغان تاشقاتمىلارنى ئاپەتلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ساينت - ھىلارى بولسا، جانلىقلار ئۆزى تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش خاھىشىغا ئىگە، مۇھىت ئۇلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاشقاتمىلار ئاشۇ مۇھىتقا ماسلاشماي ئۆلگەن جانلىقلاردۇر، دەپ قارايدۇ. شۇ چاغدا قېزىۋېلىنغان تاشقاتمىلارنىڭ تۈرلىرى بەك ئاز بولغاچقا، ئۇلاشمايدىغان تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساينت - ھىلارىنىڭ نەزەرىيىنى يىغىنچاقلىشى ۋە كونكرېت شەرھىلەشلىرى ناچارراق بولغاچقا، بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە كۇۋىيېر غەلىبە قىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ مۇنازىرە1860 - يىلى ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن.1859 - يىلى دارۋىن «تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى «تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتە كەڭ غۇلغۇلا قوزغايدۇ. روھانىيلار ئادەمنى ئىلاھ ياراتماستىن مايمۇندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، دەيدىغان بۇ خىل نۇقتىئىنەزەرنى قوبۇل قىلالماي،1860 - يىلى بىر مەيدان چوڭ مۇنازىرە قوزغىلىدۇ. مۇنازىرىلەشكۈچى بىرتەرەپ ئەنگلىيە ئەنگلىكان چېركاۋىنىڭ ئېپىسكوپى ۋىلبېرفورس، يەنە بىرتەرەپ بولسا بىئولوگىيە ئالىمى ھۇكسلېي بولۇپ، ئۇ دارۋىن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ قىزغىن قوغدىغۇچىسى ۋە تەشۋىقاتچىسى ئىدى. يۈزتۇرا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىملىق قاتتىق ئېلىشىشقا نەچچە يۈزلىگەن ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئېپىسكوپنىڭ قورقۇنچلۇق «مايمۇن نەزەرىيىسى» نى قانداق ئەيىبلىشىنى ئاڭلاشقا كەلگەنىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىلمىي تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىدىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ئېپىسكوپ بىرمۇنچىلىغان مەسخىرە گەپلەرنى قىلىپ، تەپ تارتماستىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىنى مايمۇننىڭ پۇشتى دەۋالغان بۇ ئەپەندىدىن سوراپ باقاي، سىز مايمۇن بىلەن بولغان قانداشلىقىڭىزنى بوۋىڭىز ئارقىلىق قوبۇل قىلغانمۇ ياكى مومىڭىز ئارقىلىقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ھۇكسلېي700 دىن ئارتۇق قارشى تۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا قىلچە ئىككىلەنمەي كەسكىنلىك ۋە مەردانىلىك ھالدا دارۋىننىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئېپىسكوپنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ئاشكارىلايدۇ، ئاخىرىدا ئۈنچىدەك تىزىلغان كىنايە گەپلەر بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئەگەر مەندىن بىر بىچارە مايمۇننى بوۋا قىلىشنى خالامسىز ياكى مەرتىۋىسى يۇقىرى، ھوقۇقى بار، ئەمما كەسكىن مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ مەسخىرە گەپلەرنى قىلىدىغان ئادەمنى بوۋا قىلىشنى خالامسىز، دەپ سورىسا، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئالدىدىكىسىنى تاللايمەن». ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ مۇنازىرە ئۆتكەن ئەسىردە يۈز بېرىدۇ. قارشى تۇرغۇچىلار قانۇننى ئىشقا سېلىپ، دەرسخانىدا دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى سۆزلەۋاتقان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى جازالاپ، سوتتا بىر مەيدان مۇنازىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھۆكۈم تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغاچقا، كېيىن ئۇلار يەنە يۈرەكلىك قارشى تۇرۇشقا پېتىنالماس بولۇپ قالىدۇ. ئىلاھ يارىتىش نەزەرىيىسى بىلەن كۈرەش قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئالىملىرى ئۆزىنىڭ تەلىماتىنى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلىشتى. پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى