دارۋىننىڭ جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتى
بىئولوگىيىنىڭ تەرەققىياتى
دارۋىندىن ئىلگىرىكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا، فرانسىيە تەبىئىي پەن ئالىمى لامارك جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى «ئىشلىتىلگەن ئەزالار تەرەققىي قىلىش، ئىشلىتىلمىگەن ئەزالار رودىمېنتلىشىش تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. لامارك مۇھىت ئۆزگىرىشى تۈر ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى. مۇھىت ئۆزگەرسە شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان جانلىقلارنىڭ بەزى ئەزالىرى دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىقتىن بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ، بەزى ئەزالىرى ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن رودىمېنتلىشىدۇ؛ كېيىن ئېرىشكەن بۇ ئالامەتلەر ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. لامارك يەنە ياشاش شارائىتىغا ماسلىشىش جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن.
لېكىن، شۇ چاغدىكى ئىلىم - پەن تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، لاماركنىڭ تەدرجىي تەرەققىيات ئىدىيىسى كۆپ جەھەتلەردە بىر خىل سۇبيېكتىپ پەرەزدىنلا ئىبارەت بولۇپ، تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن.19 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدا، ئەنگلىيىلىك ناتۇرالىست دارۋىن ئۆزىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت داۋامىدا نەق مەيداندا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسەن، جانلىقلار دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىپ، نۇرغۇن ئەسىرلەر مابەينىدىكى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يىغىنچاقلاپ،1859 - يىلى دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان ئۇلۇغ ئەسىرى − «تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى» نى ئېلان قىلغان. دارۋىن بۇ ئەسىرىدە «تەبىئىي تاللىنىش» مەركەز قىلىنغان جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دارۋىننىڭ «تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتى» دا تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى چۈشەندۈرۈلۈپلا قالماي، جانلىقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىمۇ توغرا چۈشەندۈرۈلگەن. جانلىقلار تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، مۇھىتقا ماسلىشالىغان جانلىقلارلا ھايات قالىدۇ ھەمدە كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ، مۇھىتقا ماسلاشمىغان جانلىقلار بولسا شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا دارۋىن، تەبىئىي تاللىنىش جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ئامىل، دەپ قارايدۇ. دارۋىن يەنە: تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، تاسادىپىي پەيدا بولغانمۇ ئەمەس، ئۇلارنى ئىلاھ ياراتقانمۇ ئەمەس، بەلكى تەبىئىي شەرت - شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە ئۆتۈپ تەدرىجىي ئۆزگىرىشتىن پەيدا بولغان، دەپ قارايدۇ. ئىنسانلار بىر خىل قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، بۇمۇ جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى» نى ئېلان قىلغانلىقى جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تىكلەنگەنلىكىدىن، بىئولوگىيىنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. شۇڭا، ئېنگېلس دارۋىن تەلىماتىنى19 - ئەسىردىكى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى دېگەن، شۇنىڭدەك دارۋىننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىگە لايىقىدا باھا بەرگەن.