ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسەۋۋۇرى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى
بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى گېنلار ياكى خروموسوملارنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىشى ۋە ياكى مولېكۇلا كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ يىلتىزىدىن ساقايتىش مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئەمەلگە ئاشۇرالماي كېلىۋاتقان ئارزۇسى. گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىلەرنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئارزۇسىنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. بۇ تېخنىكىدا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردىن نورمال گېنلارنى ئايرىپ چىقىپ ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا سىنتېزلاپ بىمارنىڭ ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بىمارنى ئېھتىياجلىق گېنغا ئېرىشتۈرگىلى ھەمدە ئىرسىي كەمتۈكلۈكنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل داۋالاش تېخنىكىسى ھازىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.
«ئاقسىل يېيەلمەيدىغان ئەجنەبىي بالا» نىڭ گىرىپتار بولغىنى فېنىلكېتون سىيىش كېسىلى بولۇپ، بۇنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن بىمارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىسى تەن سىرتىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۆستۈرۈلگەن بۇ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە تەركىبىدە زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان فېنىلئالانىن ھىدروكسىلازا گېنى بولغان جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ جىگەر ھۈجەيرىلىرى بىمارنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈلسە، بىمارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرى فېنىلئالانىن ھىدروكسىلازا ھاسىل قىلىپ، كېسىلى ساقىيىشقا باشلايدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا ھازىر مۇنداق ئىككى مەسىلە مەۋجۇت: بىرى، بىمارنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈلگەن گېن نەچچە كۈن ياشىيالايدۇ؟ يەنە بىرى، گېن ئارقىلىق داۋالىغاندا جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى گېنلارنىڭ تەركىبلىرىنى ياخشىلاشقا بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بەدەندىكى بارلىق ھۈجەيرىلەرنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئەتراپلىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، يەنىلا ئۇزاق مۇددەت تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىر خىل رەڭلىنىش خاراكتېرلىك تېرە قۇرغاقلىشىش كېسەللىكى بولۇپ، بىمارنىڭ تېرە ھۈجەيرىلىرىدە ئېندۇنۇكلېئازا كەمچىل بولىدۇ. ناۋادا بۇ خىل تېرىگە ئۇلترا بىنەپشە نۇر چۈشسە، ئاسانلا تېرە راكى شەكىللىنىشى مۇمكىن. ياپونىيە ئالىملىرى بىمارنىڭ تېنىدىن ئايرىۋالغان تېرە ھۈجەيرىسىگە ئىندۇنۇكلېئازىسى بار باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە) نى كىرگۈزگەندە بۇ تېرە ھۈجەيرىسىدە ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا قارشى ئىقتىدارنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كېسەلنى ھۈجەيرە سەۋىيىسىدىن گېن ئارقىلىق داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن. چۈنكى، تېرىنى كۆچۈرۈش بىرقەدەر ئاسان بولغاچقا، بۇنى كلىنىكىدا قوللىنىشقا ئاز قالدى.