كالا پەمىدۇر ۋە ياڭيۇ پەمىدۇر
بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
ئەنگلىيىنىڭ «يېڭى ئالىم» ژۇرنىلىنىڭ1983 - يىلىدىكى4 - ئايلىق سانىدا، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇنداق بىر پەن - تېخنىكا خەۋىرى ئاشكارىلانغان: ئەنگلىيە ئالىملىرى بۇقىنىڭ تەن ھۈجەيرىسىنى پەمىدۇرنىڭ تەن ھۈجەيرىسى بىلەن شالغۇتلاشتۇرغان، ھاسىل بولغان شالغۇت ھۈجەيرە دىففېرېنسىيىلەنگەندىن كېيىن، سىرتقى شەكلى پەمىدۇر تۈپىگە ئوخشايدىغان بىرنەرسە بولۇپ ئۆسۈپ چىققان. ئۇنىڭ تۇتقان مېۋىلىرىنىڭ تەركىبىدە ھايۋانات ئاقسىلى، شۇنىڭدەك كالا گۆشىنىڭ تەمى بار بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدە پەمىدۇر بۇقا ھۈجەيرىسى بىلەن پەمىدۇر ھۈجەيرىسىنى شالغۇتلاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان بولغاچقا، ئۇلار بۇ پەمىدۇرنى «كالا پەمىدۇر» دەپ ئاتىغان.
كېيىنچە كىشىلەر، بۇ خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەسلىدە ئەنگلىيىدە ھەر يىلى4 - ئاينىڭ1 - كۈنى »ئالداش بايرىمى« بولۇپ، بۇ بايرامدا ھەرقانداق كىشى بىلەن چاقچاقلاشسا ئەيىبلەنمەيدىكەن. بۇ ژۇرنال نەشرىياتى مۇشۇ كۈنى ئوقۇرمەنلەرنى راسا قاملاشتۇرۇپ ئالدىغانىكەن.
كالا پەمىدۇر توغرىسىدىكى چاقچاقلار گەرچە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمىسىمۇ، لېكىن ھۈجەيرىلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئىككى تۈرنىڭ تەن ھۈجەيرىلىرىنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خۇددى كالا پەمىدۇرغا ئوخشاش شالغۇت ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل شالغۇت ھۈجەيرىلەرنى يېتىلدۈرۈپ مۇكەممەل بىر ئۆسۈملۈك تۈپىگە (ياكى ھايۋانغا) ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كېلىدۇ.
لېكىن، ھۈجەيرىلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسى كىشىلەرگە كەڭ ئىستىقبال ئاتا قىلدى.1972 - يىلى، كارسون قاتارلىق كىشىلەر ھۈجەيرىلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىككى خىل تاماكىنىڭ يوپۇرماق ئەت ھۈجەيرىلىرىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ شالغۇت ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلدى ھەمدە بۇ ھۈجەيرىلەرنى يەنىمۇ دىففېرېنسىيىلەنگەن مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپى قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى ئالىملىرىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، گېرمانىيە ئالىملىرى ياڭيۇ بىلەن پەمىدۇرنىڭ تەن ھۈجەيرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك شالغۇتلاشتۇرۇپ ھەم ياڭيۇنىڭمۇ، ھەم پەمىدۇرنىڭمۇ ئىرسىي بەلگىلىرى بولغان يېڭى سورتنى يېتىشۈرۈپ چىقتى. بۇ خىل شالغۇت ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈپلا قالماي، يەنە دىففېرېنسىيىلەنگەن بولۇپ، مۇكەممەل بىر ئۆسۈملۈك تۈپى بولۇپ يېتىلگەن. ئالىملار بۇ خىل شالغۇت تۈپنى ياڭيۇ پەمىدۇر دەپ ئاتىغان. گەرچە ئۇنىڭدىن پەمىدۇر بىلەن ياڭيۇ چۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۈجەيرىلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىكى تەرەققىياتلار شۈبھىسىزكى، تەبىئەتكە قارىتا خىرىس بولماقتا.