UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلارگېن قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى سورتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى

گېن قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى سورتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى

بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار شالغۇتلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا گەرچە ئېسىل يېڭى سورتلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولسىمۇ، لېكىن شالغۇتلاشتۇرۇش پەقەت تۈر ئىچىدە ئېلىپ بېرىلسا ئاسانراق مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. تۈرلەر ئارا شالغۇتلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، چىققان شالغۇت كۆپىنچە تۇغماس بولۇپ قالىدۇ. ھازىرقى زامان گېن قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى سورتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كەڭ يول ئاچتى. ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك ئامىللار بىلەن بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گېنىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، جانلىقلارنىڭ يېڭى سورتلىرىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. پېنسىلىن مېدىتسىنادا ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ئەسلىدىكى پېنسىلىن ھاسىل قىلغۇچى زەمبۇرۇغنىڭ پېنسىلىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي كەلگەن. كېيىن پېنسىلىن ھاسىل قىلغۇچى زەمبۇرۇغقا X نۇرى چۈشۈرۈلۈپ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق پېنسىلىن زەمبۇرۇغى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، پېنسىلىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى تەخمىنەن 1000 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كانامىتسىن، گېنتامىتسىن، سترېپتومىتسىن قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئوخشاش ئۇسۇلدا بىرتەرەپ قىلغاندا، يەنىلا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق زەمبۇرۇغ تۈپىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ناچار بەلگىلىك گېنلار بىلەن ياخشى بەلگىلىك گېنلار ھەمىشە بىر بولۇپ باغلىنىۋالىدىغان بولغاچقا، ئەنئەنىۋى سورت يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدا بەلگىسى ياخشى سورتلارنى پەقەت تاسادىپىي پۇرسەتتىلا تاللاپ چىقىشقا بولاتتى. مولېكۇلا سەۋىيىسىدىكى گېن قۇرۇلۇشىدا بولسا، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئېسىل گېنلار ساپ ھالدا ئايرىۋېلىنىپ، ئاندىن ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تېنىگە كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى زىرائەتلەرگە قوللانغاندا، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرالايدىغان يېڭى ئېسىل سورتلارنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. گېن قۇرۇلۇشى ئەنئەنىۋى سورت يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى تولۇق باسالمىسىمۇ، لېكىن بۇ يېڭى تېخنىكا تۈر بىلەن تۈر ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي توسۇق ۋە تۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان بولغاچقا، ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدا، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملار ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، تەبىئەتتە بولۇپ باقمىغان ھەمدە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان يېڭى سورتلارنى يارىتالىشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
گېن قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى سورتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki