UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلارئېنزىم قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى

ئېنزىم قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى

بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار جانلىقلار تېنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قاتار بىئوخىمىيىلىك رېئاكسىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئېنزىملارنىڭ كاتالىزلىشى ئاستىدا تاماملىنىدۇ. ئېنزىم بولمىسا، جانلىقلار تېنىدىكى مېتابولىزم ئېلىپ بېرىلالمايدۇ - دە، ھاياتلىق پائالىيىتى توختايدۇ. ئالىملار، ئېنزىملارنى ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مىكرو ئورگانىزملاردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشى تېز، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئاددىي، ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىش ئاسان بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مىكرو ئورگانىزملار ئېنزىملىق ياسالمىلارنىڭ ئاساسىي خام ئەشياسى بولۇپ قالدى. ئېنزىملىق ياسالمىلار بولسىلا كىشىلەر مۇئەييەن بىئورېئاكسىيە قۇرۇلمىسى ئىچىدە، ھۈنەر - سەنئەت ۋاسىتىلىرى بىلەن ئېنزىمنىڭ كاتالىزلىشىدىن پايدىلىنىپ، مۇناسىپ خام ئەشيالارنى تېز سۈرئەت، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىنسانلارغا ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرالايدۇ، مانا بۇ ئېنزىم قۇرۇلۇشىدۇر. تەبىئەت دۇنياسىدا ياغاچ، شال پاخىلى ۋە كۆممىقوناق شېخى قاتارلىق ئۆسۈملۈك سېللۇلوزىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن گلۇكوزا مولېكۇلىلىرىنىڭ مەلۇم شەكىل بويىچە ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ مولېكۇلىلاردۇر. بۇ سېللۇلوزىلارنىڭ بىر قىسمى قەغەز ياساش ۋە توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان كۆپ قىسمى ئىسراپ بولماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، يەر شارىدىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ھەر يىلى تەخمىنەن4 مىليارد توننا سېللۇلوزا ئىشلەپچىقىرالايدىكەن، ئەگەر بۇ سېللۇلوزىلار ئىسپىرتقا ئايلاندۇرۇلسا (يەنى ئايلىنىش ئۈنۈمى %50 بولغاندا)،2 مىليارد توننا ئىسپىرت ئالغىلى بولىدىكەن. ئىسپىرت ناھايىتى ياخشى يېقىلغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ھەر يىلى ئۆسۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنسانلار ئۇنى ئېلىپ ۋە ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيدىغان يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى دېيىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار