ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە ۋە خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى
بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلانمىسىمۇ، ئوخشاشلا ناھايىتى بولۇق ئۆسەلەيدۇ. سويا پۇرچاق تېرىلغان ئېتىزغا شال تېرىلسا، ئازوتلۇق ئوغۇت ئاز بېرىلسىمۇ ياكى بېرىلمىسىمۇ مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىدا بىر خىل يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى بولۇپ، ھاۋادىكى ئەركىن ئازوتنى خۇددى تەبىئىي «خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى» غا ئوخشاش، ئۆسۈملۈك پايدىلىنالايدىغان ئورگانىك ئازۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ. ئالىملار شال قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىمۇ خۇددى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش ئۆزى ئوغۇت «ياساپ»، ئازۇتلۇق ئوغۇتنى بەرمىسىمۇ ياكى ئاز بەرسىمۇ مول ھوسۇل بېرىدىغان قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ، پۈتۈن ئۈمىدىنى گېن قۇرۇلۇشىغا باغلىماقتا.
ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالىشى ئۇنىڭدا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىمنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بىراق، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئىنزىمنى يەنىلا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى گېن كونترول قىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدا پەقەت ئازۇتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى گېن شال قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىگە كۆچۈرۈلسىلا، ئارزۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھازىر گېن قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئۆپكە ياللۇغى تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى گېنىنى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرۈپ، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان قىلىش سەۋىيىسىگە يەتتى.1976 - يىلى، ئەنگلىيە ئالىملىرى چەكلىگۈچى ئېنزىم ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن پلازمىدنى كېسىپ ئايرىپ، بىر باكتېرىيە پلازمىدىدىكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى گېننى باشقا بىر باكتېرىيىنىڭ پلازمىدىغا كۆچۈرگەن.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدە قىلغىلى بولغان بۇ ئىشنى چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىمۇ قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىزمەتنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىدى. مەسىلەن، كۆچۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆڭۈلدىكىدەك قورال ئېنزىم بىلەن مۇۋاپىق توشۇغۇچى تەنچە تېخىچە تېپىلمىدى. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم پەقەت ئوكسىگېنسىز شارائىت ئاستىدىلا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، بۇ خىزمەتتىكى تەتقىقاتمۇ دېگەندەك چوڭقۇرلاشقىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە «خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى» ئاچقۇزۇش ئۈچۈن، يەنە بىر مەزگىل جاپالىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.