UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلارگېن قۇرۇلۇشى ۋە شىپالىق دورا

گېن قۇرۇلۇشى ۋە شىپالىق دورا

بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار ھازىرقى زامان گېن قۇرۇلۇشىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ «شىپالىق دورا» ئىجاد قىلىشىنى يىپيېڭى ۋاسىتىلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئىنتېرفېرون كۆپ خىل ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرالايدىغان، شۇنىڭدەك راكقا قارشى مەلۇم ئۈنۈمى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئىنتېرفېروننى شىپالىق دورا دەپ قارىماقتا. ئىنتېرفېرون ئادەم قېنىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىدىن ئېلىنىدۇ. بۇ خىل ئېلىنىشنىڭ مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماي، يەنە مەھسۇلاتى تۆۋەن، تەننەرخىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، جەمئىيەتنىڭ ئىنتېرفېرونغا بولغان ئېھتىياجىنى زادىلا قاندۇرالماي كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىنتېرفېروننىڭ گېنىنى باكتېرىيىگە كۆچۈرۈپ ئېچىتىش ئارقىلىق، ئىنتېرفېرون ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشمەكتە. بۇ قۇرۇلۇش ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بىر - ئىككى كۈن ئىچىدىلا ھەربىر باكتېرىيە200 مىڭدىن ئارتۇق ئىنتېرفېرون مولېكۇلىسى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇرۇن ئاق قان ھۈجەيرىسىنى ئىشلىتىپ ئېنتېرفېرون ئىشلەپچىقارغاندا، ھەربىر ھۈجەيرە پەقەت ئەڭ كۆپ بولغاندا100 ~1000 گىچە ئىنتېرفېرون مولېكۇلىسى ئىشلەپچىقىرالايتتى. دۇنيا بويىچە جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بار كىشىلەر تەخمىنەن200 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، تا ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە داۋالايدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تېپىلغىنى يوق. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم دورا بولۇپ، بۇرۇن ئۇ پەقەت جىگەر ياللۇغى كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ قان زەردابىدىنلا تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئاز، باھاسى يۇقىرى ئىدى. گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ گېنى باكتېرىيىگە كۆچۈرۈلسە، بۇ خىل باكتېرىيىلەر كۆپ مىقداردىكى جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ خىل ۋاكسىنا ئېلىش ئۇسۇلى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىخانىلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان بولۇپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ زاۋۇتلاشقان ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئىنسۇلىن دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالاھىدە شىپالىق دورىسى بولۇپ، ھازىر پەقەت چوشقا ياكى كالىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدىنلا ئېلىنىدىغان بولغاچقا مىقدارى ئاز، تەننەرخى يۇقىرى بولماقتا. گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشتا ھايۋانلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىگە تايىنىش ھاجەتسىز. ئۆستۈرگۈچى ھورمون پەتەكلىك كېسىلىنى داۋالايدىغان ئالاھىدە شىپالىق دورىدۇر. ھازىر كلىنىكىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئۆستۈرگۈچى ھورمون ئاساسەن جەسەتلەردىن كېسىۋېلىنغان ھىپوفىزدىن ئېلىنىدىغان بولغاچقا، مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك. گېن قۇرۇلۇشى ئۆستۈرگۈچ ھورمون ئىشلەپچىقىرىشنى كەڭ يوللار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇروكىنازا، ئىنكرېتىن (ئاشقازان ئاستى بېزى فۇنكسىيىسىنى تېزلەتكۈچى ئۈچەي ھورمونى)، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى قاتارلىقلارنى گېن قۇرۇلۇشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. گېن قۇرۇلۇشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ دورىلارنىڭ ئاجايىپ داۋالاش ئۈنۈمى بولغاچقا، بۇ دورىلارنى دۇنيادىكى ھەقىقىي شىپالىق دورىلار دېيىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار