بىئولوگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە راك كېسىلى
بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
ئادەم بەدىنىدىكى نەچچە يۈز مىليونلىغان ھۈجەيرە ئىچىدە، كەم دېگەندە20 دانە ئەتراپىدا ئاتالمىش ئىپتىدائىي راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان گېندىن تەركىب تاپقان بىر «كىچىك گۇرۇھ» بولىدۇ. ئىپتىدائىي راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان بۇ گېنلار مۇبادا رادىئاتسىيىگە يولۇقسا ياكى ئادەم بەدىنىدىكى بەزى غەيرىي خىمىيىۋى ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالسا ۋە ياكى مۇھتتىكى باشقا تەسىرلەرگە ئۇچرىسا، ئاسانلا ئۆزگىرىپ ياكى ھەددىدىن زىيادە جانلىنىپ، چەكسىز بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ ھەمدە ئادەم تېنىدە ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ ۋە تارقىلىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى تاكى كېسەل ئادەم ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئاچ كۆزلەرچە سۈمۈرىدۇ.
راك ھۈجەيرىلىرى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقانداق مۇداپىئە فۇنكسىيىسىنى بىتچىت قىلالايدۇ؛ ئۇ يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى جاسۇسقا ئوخشاش نىقابلىنىۋېلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ. داۋالاش جەريانىدا، راك ھۈجەيرىلىرى يەنە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان، ئاساسلىقى ئۆسمىدىن ئايرىلىپ قان ياكى لىمفا ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى باشقا ئورۇنلارغا ھىيلىگەرلىك بىلەن تارقىلىپ كىرىۋالىدىغان بولغاچقا، ئوپېراتسىيە ۋە رادىئوئاكتىپ نۇر ئارقىلىق داۋالاشقا قىلغان ئەجىرلەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
ئالىملار چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق راك كېسىلىنى داۋالايدىغان بىردىنبىر قورال يەككە كلون ئانتىتەنچىسى (ئانتىتېلا) دىن ئىبارەت بۇ ئۈنۈملۈك قورالنى بايقىدى. بۇنىڭدا يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇش تېخنىكىسى − ھۈجەيرىلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە، ئىممۇنىتېتلىق لىمفا ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى شالغۇتلاشتۇرۇلۇپ شالغۇت ئۆسمە ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ خىل ھۈجەيرىلەر جىنسسىز كۆپىيىش ئارقىلىق تەنچىگە، يەنى يەككە كلونغا ئايلىنىدۇ. بۇ، يەككە كلون ئانتىتەنچىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىممۇنىتېتلىق ئانتىتەنچە ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
يەككە كلون ئانتىتەنچىسىنىڭ ساپلىقى يۇقىرى، خاسلىقى كۈچلۈك بولۇپ، باكتېرىيە، ۋىرۇس، ئاقسىل ۋە ھورمون قاتارلىق ئانتىگېنلىق ماددىلارنىڭ كىچىككىنە ئوخشىماسلىقلىرىنىمۇ توغرا تونۇپ پەرقلەندۈرەلەيدۇ ھەمدە مەلۇم ئانتېگىن بىلەن ئالاھىدە خاس بىرىكەلەيدۇ. يەنە رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپ، خىمىيىۋى دورا قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ، خۇددى سەزگۈر ئاپشاركا دۈشمەن ئەھۋالىنى بايقىغانغا ئوخشاش، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن راك ھۈجەيرىلىرىگە ئوقتەك ئېتىلىپ بارىدۇ - دە، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ساختا قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرگە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېنىق ئورنىنى مەلۇم قىلىپلا قالماي، يەنە راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز جايىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ باشقا نورمال ھۈجەيرىلەرنى زادىلا زەخىملەندۈرمەيدۇ. كىشىلەر بۇ خىل يەككە كلون ئانتىتەنچىسىنى «بىئولوگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد» دەپ ئاتىشىپ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى «باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» غا ئوخشىتىدۇ.
«بىئولوگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد» نورمال ھۈجەيرىلەرنى زەخىملەندۈرمەستىن، مەخسۇس راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ قورالنى ئىشلەتكەندە ۋەھشىي راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىپ، تەن ساغلاملىقىنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.