ئېچىتىش قۇرۇلۇشى ۋە سۈنئىي گۆش
بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
ھازىرقى زامان ئېچىتىش قۇرۇلۇشى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى مىكرو ئورگانىزملارنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغان بىر تۈرلۈك تېخنىكا. ئۇ، مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈپ ئېچىتىشنى ئاساس قىلغاچقا، مىكرو بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
باكتېرىيە، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ۋە خلورېللا قاتارلىق جانلىقلارنىڭ پۈتۈن تېنى پەقەت بىرلا ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى نۇكلېئىن كىسلاتا بىلەن ئاقسىلدىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ بىر ھۈجەيرىلىك مىكرو ئورگانىزملارنى ئېچىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغاندا، كۆپ مىقداردىكى بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئېچىتىش قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقارغاندا، سۈرئىتى تېز بولىدۇ.500 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر كالا كۈنىگە5 .0 كىلوگرام ئاقسىل سىنتېزلىيالايدۇ، ئەمما500 كىلوگرام تىرىك باكتېرىيە شارائىت مۇۋاپىق بولسىلا24 سائەت ئىچىدە1250 كىلوگرام ئاقسىل ئىشلەپچىقىرالايدۇ. بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خام ئەشيالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، زىرائەتلەرنىڭ شاخ - شۇمبىلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلاردىن چىقىدىغان كۆپ مىقداردىكى كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز تىرىپ - قالدۇقلار، شۇنىڭدەك نېفىت مەھسۇلاتلىرى، مېتانول قاتارلىقلارنى بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىنى ئېچىتىپ ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىنىڭ ئاقسىللىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھۈجەيرە قۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ %70 ىگە يېتىدۇ، ئۇنى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا4 ~6 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىدا ئوزۇقلۇق مول بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئامىنو كىسلاتا، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولغاچقا، ئۇنى يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ، يېمەكلىك قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرى بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلى بىلەن بېقىلسا، تېز ئەت ئالىدۇ، كۆپ سۈت بېرىدۇ، تۇخۇملاش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئورگانىزمنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكى قىلىنىدىغان بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىدا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتا بولىدۇ. ئەگەر قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە10 ~15 گرام قۇرۇق ئېچىتقۇ يەپ بەرسە، بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلار ئاقسىلىنى «سۈنئىي گۆش» دەپ ئاتىشىدۇ.