UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلارمىكرو ئورگانىزملارغا خىمىيە زا ۋۇتى ئاچقۇزۇش

مىكرو ئورگانىزملارغا خىمىيە زا ۋۇتى ئاچقۇزۇش

بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ «خىمىيە زاۋۇتى» ئېچىش دېگىنىمىز تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇخىل مىكرو ئورگانىزملاردىن گېن قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قۇرۇلۇش باكتېرىيىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇزۇش دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل زاۋۇت بىئولوگىيىلىك ئېچىتىش قۇرۇلۇشى دېيىلىپ، بۇنىڭغا نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئىسپىرت سانائىتى ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن خىمىيە سانائەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.70 - يىللاردا نېفىت كرىزىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئىسپىرتنىڭ بېنزىننىڭ ئورنىدا ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان. ھازىر ئالىملار كۆكىرىك زەمبۇرۇغىنىڭ كراخمال ئېنزىمى گېنىنى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە كىرگۈزۈپ، سېللۇلوزىنى پارچىلاپ شېكەرگە ئايلاندۇردى؛ ئاندىن كراخمال ئېنزىمى گېنىنى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىغا كراخمالدىن بىۋاسىتە پايدىلاتقۇزۇپ ئىسپىرت ئىشلەپچىقارغۇزدى. بۇنداق قىلغاندا، ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىشتا كېتىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىنى خىمىيىۋى سىنتېزلاش ئۇسۇلىدىكىگە قارىغاندا %60 تېجەپ قېلىشقا بولۇپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنىمۇ قىسقارتقىلى بولىدۇ. سىترات كىسلاتا (لىمون كىسلاتا) كىشىلەرگە تونۇشلۇق بىر خىل كىسلاتا بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن، گازلىق سۇ، قەنت - گېزەكلەرگە قوشۇلىدۇ. سىترات كىسلاتا ئەڭ دەسلىپىدە سىتروسلاردىن ئايرىۋېلىناتتى.90 - يىللاردا بولسا گېن قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، كراخمالنى قارا چوڭ ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بىلەن ئېچىتىش ئارقىلىق كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولدى. ھازىر، دۇنيا بويىچە سىترات كىسلاتانىڭ %90 ىدىن كۆپرەكى مۇشۇ خىل تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچىقىرىلماقتا. ئاتسېتون، بۇتانوللارمۇ مۇھىم خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، دەسلەپتە چەت ئەللەردىمۇ كۆپىنچە نېفىت مەھسۇلاتلىرى خام ئەشيا قىلىنىپ، خىمىيىۋى سىنتېزلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىكرو ئورگانىزملار بىلەن ئېچىتىش ئۇسۇلىدا ئاتسېتون ۋە بۇتانول ئىشلەپچىقىرىشمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. قۇرۇلۇش باكتېرىيىسىدىن پايدىلىنىپ خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا، ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان پىلان شۇكى، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ گېن قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرلىرى پىلە قۇرتىنىڭ يىپەك شەكىللەندۈرۈش گېنىنى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە كۆچۈرۈپ، ئاندىن چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە ئېچىتىش كۈپىدە ئېچىتىش ئېلىپ بارغۇزۇش ئارقىلىق، ئېچىتىش كۈپىدىن يىپەك سۈزۈۋېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئەنئەنىۋى پىلە بېقىش ۋە يىپەك چىقىرىش كەسپىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. قۇرۇلۇش باكتېرىيىسى بىلەن قوراللانغان خىمىيە زاۋۇتلىرىدىن ئۈمىد چوڭ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇشلار
مىكرو ئورگانىزملارغا خىمىيە زا ۋۇتى ئاچقۇزۇش | UyghurWiki | UyghurWiki