گاسنىڭ گاچا سەۋەبى
بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
كىشىلەر «ئون گاسنىڭ توققۇزى گاچا» دېيىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھەم گاس، ھەم گاچا بولۇپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «ئون گاچىنىڭ توققۇزى گاس» بولماستىن «ئون گاسنىڭ توققۇزى گاچا» بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ گاچا دېگىنىمىز تاۋۇش چىقىرالمايدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى گەپ قىلالمايدىغانلارغا قارىتىلغان، گاسنىڭ گەپ قىلالماسلىقى قارىغۇنىڭ رەسىم سىزالماسلىقى بىلەن ئوخشاش. قارىغۇنىڭ رەسىم سىزالماسلىقى ئۇنىڭ قولىدا قەلەم توختىماسلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سىزغان رەسىمىنى كۆرەلمەستىن، كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەسلىكىدە.
ئەسلىدە داڭلىق رەسسام بولغان تەقدىردىمۇ، مۇبادا كۆزلىرى كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتسا، قەلىمىنى توختاتماسلىققا ئامالى يوق. گەپ قىلىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. نورمال ئادەم گەپ قىلغىنىدا، گەپلىرى ھەمىشە قۇلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ، يەنى ئۇ بالىلىق چېغىدا گەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقاندىن باشلاپ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى دۇرۇس بولغاندا، دەرھال مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ. ئۇ گەپنى خاتا قىلغاندا، ئىنكار قىلىنىدۇ. ئۇ «ئاتا» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، «ئانا» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئاستا - ئاستا بىلىۋالىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، يەنە بىرتەرەپتىن ئاڭلاۋېرىپ، گەپ قىلىشنى تەدرىجىي ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ چىقارغان ئاۋازىنى زادىلا ئاڭلىيالمىسا، گېپىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىگە ھۆكۈم قىلالمىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ئۈمىد - ئىستەكلىرىنى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىيەلمەيدۇ.
فىزىئولوگىيىدە گاس بىلەن گاچىنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتى سۆزنىڭ قايتما ئىنكاسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ كۆزى ۋە مۇسكۇلىنىڭ قايتما ئىنكاسى قولنىڭ ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغىنىغا ئوخشاش، ئادەم بەدىنىدە يەنە بىر يۈرۈش نازۇك ھەم مۇكەممەل بولغان سۆز قايتما ئىنكاس سىستېمىسى بولۇپ، ئۆزى چىقارغان ھەربىر ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەگەر ئاۋازنىڭ پەسلىكىنى بايقىسا، ئاۋاز پەردىسىنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئەگەر تەلەپپۇزىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقىسا، قانائەتلىنەرلىك بولغانغا قەدەر مۇناسىپ تەلەپپۇز ئورۇنلىرى (مەسىلەن، ئېغىز، تىل، كالپۇك، چىشلاردىكى ئورۇنلىرى) نى ئۆز ۋاقتىدا تەڭشەيدۇ. بەزىلەرنىڭ تۇغما بولمىغان كېسەللىك سەۋەبىدىن تىلىدىن قېلىشى ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ كاردىن چىققانلىقى ياكى نۇتۇق مەركىزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئادەملەر گەرچە گەپ قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ساق بولغاچقا، قۇلىقى گاس ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئون گاچىنىڭ توققۇزى گاس» بولماستىن، بەلكى «ئون گاسنىڭ توققۇزى گاچا» بولىدۇ.