UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرئۇرۇقنىڭ سەپىرى

ئۇرۇقنىڭ سەپىرى

بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئەتىيازدا ئېتىزغا ئۇرۇق چاچقاندىلا كۈزدە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بىراق، بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە، تىك يارلارنىڭ يوچۇقلىرىدا، سېپىللارنىڭ ئۈستىلىرىدىمۇ گۈل - گىياھ ۋە دەل - دەرەخلەر ئۆسۈپ قالىدۇ، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنى كىم چاچقان؟. ئەسلىدە، ئۇرۇقلارنىڭ تارقىلىش يوللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئادەم كۈچى ئارقىلىق تارقالغاندىن سىرت، يەنە شامال ئارقىلىق، سۇ ئارقىلىق ۋە ئۇرۇق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ناھايىتى يەڭگىل بولىدۇ، مەسىلەن، چىپار ئوتنىڭ ئۇرۇقى بەكمۇ كىچىك بولۇپ،800 تال ئۇرۇقنىڭ ئېغىرلىقى ئاران بىر تال كۈنجۈتنىڭ ئېغىرلىقىچىلىك كېلىدىغان بولغاچقا، شامال ئۇلارنى ناھايىتى يىراق يەرلەرگە ئۇچۇرۇپ بارالايدۇ. يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقىنىڭ تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلار شامالدا تارقىلىشقا تازا باب كېلىدۇ. مەسىلەن، مامكاپ، تېرەك ۋە سۆگەتنىڭ ئۇرۇق ۋە مېۋىلىرىدە تىۋىت تۈكچىلىرى بولۇپ، ئۇلار خۇددى ئۇششاق پاراشۇتلاردەك شامالغا ئەگىشىپ لەيلەپ ئۇچۇپ، ھەر تەرەپكە تارقىلىدۇ. قارىياغاچ بىلەن زەرەڭنىڭ مېۋىسى ۋە قارا شەمشادنىڭ ئۇرۇقىمۇ مانا مۇشۇنداق تارقىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر شامال كۈچىگە تايىنىپ »دومىلايدۇ«. مەسىلەن، قامغاقنى ئالساق ئۇ كۈزدە ئۇرۇقى پىشقان مەزگىلدە توپقا ئوخشاش كاللەكلىشىۋېلىپ، شامالدا خۇددى ئاپتوماتىك ئۇرۇق چېچىش ماشىنىسىدەك ئۇرۇقلىرىنى دومىلاپ يۈرۈپ چېچىپ ماڭىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى سۇ يولى ئارقىلىقمۇ تارقىلىدىغان بولۇپ، ئۇرۇقلىرى دېڭىز - ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرۈپ تارقىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى100 دىن ئاشىدۇ. مەسىلەن، ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرىدىن كوكۇس پالمىسىنىڭ مېۋىسى پىشقاندا ئالدى بىلەن دېڭىزغا چۈشىدۇ، ئاندىن دېڭىز سۈيىدە لەيلەپ مۇۋاپىق يەرگە بارغاندا يىلتىز چىقىرىپ بىخلىنىدۇ. سۇ ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدىغان نېلۇپەرنىڭ مېۋىسى (ئادەتتە نېلوپەر «چىنىسى» دېيىلىدۇ) دە ئىچى ھاۋا بىلەن تولغان شالاڭ توقۇلمىلار بولۇپ، ئىچىدە نۇرغۇن ئۇرۇقلىرى بولىدۇ. نېلۇپەر مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن سۇ يۈزىدە خۇددى يېشىل پىيالىلەردەك لەيلەپ يۈرۈپ سەپەر قىلىش جەريانىدا ئىچىدىكى ھاۋا ئاستا - ئاستا يوقاپ، ئۇرۇقلىرى سۇ ئاستىغا ئاستا - ئاستا چۆكىدۇ، ئىككىنچى يىلى باشقا يەردىن يېڭى نېلۇپەر ئۆسۈپ چىقىدۇ. ياتما نېلۇپەر، كۆكمارال قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقلىرىمۇ سۇغا تايىنىپ مۇشۇ تەرىقىدە تارقىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئۇرۇق چاچالايدۇ. مەسىلەن، چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مېۋىلىرىنىڭ چوققىسىدا ئېغىزغا ئوخشاش بىر تۆشۈكچىسى بولۇپ، ھاۋا نەملىكىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ - يېپىلىپ ئۇرۇق چېچىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ خۇددى ھاۋا رايىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا ئاساسەن مۇۋاپىق چاغدا ئۇرۇق چاچىدىغان ماشىنىغىلا ئوخشايدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى ئۆمىلەپ ماڭالايدۇ. مەسىلەن، قوڭغۇراقباشنىڭ مېۋىسىنىڭ چوققىسىدا بىر توپ قاتتىق تاج تۈكچىلىرى بولۇپ، مېۋىسى پىشىپ يەرگە چۈشكەندە شۇ تاج تۈكچىلىرى ئارقىلىق ھاۋانىڭ قۇرغاق - نەملىك ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، باشقا يەرگە بىرقەدەم - بىرقەدەمدىن ئۆمىلەپ بېرىپ ماكانلىشىدۇ. ئۇرۇقلىرىنى «ئوقتەك ئېتىپ چىقىرىش» ماھارىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن خۇددى پارتلىغاندەك تۇيۇقسىز يېرىلىپ ئۇرۇقلىرىنى ئۆزلۈكىدىن يىراق يەرلەرگە ئېتىپ تارقىتىدۇ. مەسىلەن، ماش، سويا پۇرچاق ۋە كۈنجۈتلەرنىڭ چوكا مېۋىلىرى. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇ خىل مېۋىلەرنى يېگەندىن كېيىن، پەقەت مېۋە قىسمىلا ھەزىم بولۇپ كېتىپ، ئۇرۇقلىرى ھەزىم بولماي قېپقالىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ گەندە ۋە ماياقلىرى ئارقىلىق جاي - جايلارغا تارقىلىدۇ. ئۇچار قۇشلار ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تارقاتقۇچىسى بولۇپ، ئۇلار ئۇچۇپ نەگىلا بارسۇن چىقارغان ماياقلىرىدا خىلمۇخىل ئۇرۇقلار بولىدۇ. پەسىل قۇشلىرى ھەر يىلى يىراق جايلارغا ئۇچۇپ بارىدىغان بولغاچقا، ئۇرۇقلارنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە تارقىتالايدۇ. بەزى ئۆسۈملۈك مېۋىلىرىنىڭ تۈكلىرى ياكى ئىلمەك تىكەنچىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىتىكەن ۋە تىلقاناتنىڭ ئۇرۇقلىرى كىشىلەرنىڭ كىيىمى ياكى ھايۋانلارنىڭ يۇڭىغا يېپىشىۋېلىپ يىراق جايلارغا تارقىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئادەملەرنىڭ مېۋە - چېۋىلەرنى يەپ ئۇرۇقلىرىنى تاشلىۋېتىشىمۇ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنى جاي - جايلارغا تارقىلىپ ماكانلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر