چېچەكلەش ۋە مېۋىلەش
بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
ئۆسۈملۈكلەر مېۋىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چېچەكلىشى لازىم. لېكىن تەبىئەت دۇنياسىدا «چېچەكلەپ مېۋىلىيەلمەسلىك» تەك ھادىسىلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى «چاڭلىنىش» نىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىندۇر.
چاڭلىنىش بولسا پىشىپ يېتىلگەن گۈل چېڭىنىڭ ئاتىلىق چاڭدىنىدىن چىقىپ ئانىلىق تۇمشۇقىغا قونۇش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ، جىنسلىق كۆپىيىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. چاڭلىنىش ئۆزىدىن چاڭلىنىش ۋە چەتتىن چاڭلىنىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئارپا، بۇغداي، پەمىدۇر قاتارلىق ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرى بىر گۈلدە بولىدىغانلىقتىن ئاتىلىق گۈل چېڭى ئانىلىق تۇمشۇقىغا بىۋاسىتە قونىدۇ، مانا بۇ ئۆزىدىن چاڭلىنىش دېيىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق گۈلى بىلەن ئاتىلىق گۈلى ياكى ئانىلىقى بىلەن ئاتىلىقى باشقا - باشقا تۈپلەردە ئۆسىدىغان بولغاچقا، چاڭلىنىش ئوخشاش بولمىغان گۈللەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مانا بۇ چەتتىن چاڭلىنىش دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم بىر ۋاسىتىچىنىڭ بىر گۈلنىڭ گۈل چېڭىنى باشقا بىر گۈلنىڭ ئانىلىق تۇمشۇقىغا يەتكۈزۈشىگە توغرا كېلىدۇ. كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «چېچەكەپ مېۋىلىيەلمەسلىك» نىڭ سەۋەبى مەلۇم ۋاسىتىچىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىندۇر. ئاۋسترالىيىگە ئالما كۆچەتلىرىنى يېڭى كىرگۈزگەندە ئالما كۆچەتلىرى ھەر يىلى چېچەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن زادىلا مېۋىلىمىگەن. كېيىنچە ھەرە باققۇچىلار ھەرىلىرىنى ئالمىزارلىققا قويۇپ بەرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن مېۋىلەشكە باشلىغان. مەسىلەن، ئاپتاپپەرەسنىڭ باشسىمان گۈل رىتىنىڭ ئەتراپىدا گۈل تاج ياپراقچىلىرىلا بولغان، ئەمما ئانىلىق ۋە ئاتىلىقلىرى بولمىغان بىر خىل تىلسىمان گۈللىرى بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ھاشاراتلارنى ھەسەل يىغىشقا كېلىپ باشقا گۈللەرنى چاڭلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ گۈللەر توزۇغاندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق مېۋە قالدۇرمايدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە ئاتىلىق گۈللەرمۇ مېۋىلىمەيدۇ، يەنى ئۇلار ئېچىلىپ قويۇپلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
بەزىلەر چېچەكلىمەيمۇ مېۋىلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار، ئۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى ئەنجۈر دەپ قارايدۇ، بىراق بۇ بىر خىل خاتا تونۇش. چېچەكلىمەي تۇرۇپ مېۋىلەش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئادەتتە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل تېگى، گۈل كاسسىسى ۋە گۈل يېپىنچىسى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەنجۈر گۈلى بولسا شاختىكى يوپۇرماق قولتۇقىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل تېگىنىڭ چوققىسى ئىچىگە چوڭقۇر ئولتۇرۇشۇپ، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گۈللەرنى تولۇق ئورىۋېلىپ كۆرسەتمىگەچكە، كىشىلەر خاتا ھالدا ئەنجۈرنى چېچەكلىمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەنجۈر چېچەكلەپلا قالماستىن، بەلكى بەزىلىرى بىر يىلدا ئىككى قېتىم چېچەكلەيدۇ.
گۈل مېۋە شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مېۋىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يېتىلىشىنىڭ بەزى ھورمونلارنىڭ غىدىقلىشىدىن بولىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى ھۈجەيرە ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مېۋىنىڭ چوڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ئانىلىقنىڭ تۇمشۇقىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق مىقداردا ھورمون تېمىتىش ئارقىلىقمۇ مېۋىلەرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بىراق بۇنداق مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقى بولمايدۇ. مەسىلەن، كىشمىش ئۈزۈم قاتارلىقلار.
ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىمۇ «بالا تۇغىدىغان» لىرى بار. مەسىلەن، لاتىن ئامېرىكىسى، ھىندىستان ۋە ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى بەزى ساھىللاردا بىر خىل غۇژمەك ئۆسكەن قىزىل دەرەخلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قويۇق شاخلىرىدا ھەمىشە كالتەكسىمان نەرسىلەر ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار شاخمۇ ياكى مېۋىمۇ بولماستىن، بەلكى قىزىل دەرەخنىڭ يۇمران مايسىلىرى − كىچىك قىزىل دەرەخلەردۇر. ئەسلىدە، قىزىل دەرەخنىڭ مېۋىلىرى پىشقاندىن كېيىن تۆكۈلۈپ كەتمەي يەنە بىخلىنىپ يېڭى نوتىلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى بالا تۇغىدىغان دەرەخ دەپ ئاتىشىدۇ. ئېلىمىزدىكى مۈڭگۈزسىمان مېۋىلىك قىزىل دەرەخمۇ بالا «تۇغىدىغان» دەرەختۇر.
يۇقىرىدىكى رەسىمدە شاپتۇلنىڭ ئۈچ قەۋەت مېۋە شۆپۈكى بولىدىغانلىقى، سىرتقى يۈزىنىڭ بىر قەۋەت تۈكلۈك نېپىز مېۋە شۆپۈكى، قېلىن گۆشلۈك قىسمىنىڭ ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى، قاتتىق ئۈچكىسىنىڭ ئىچكى مېۋە شۆپۈكى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۈچ قەۋەت مېۋە شۆپۈكىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقدان دىۋارىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، ھەقىقىي مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئالمىنىڭ مېۋىسى شاپتۇلنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئالمىنىڭ قېلىن گۆشلۈك قىسمى ئاساسەن گۈل تېگىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ئۇرۇقداندىن يېتىلىدىغان قىسمى ناھايىتى ئاز قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، بۇنداق مېۋە يالغان مېۋە دېيىلىدۇ.