چوڭ مېڭە سول يېرىم شارى ئارقىلىق سۆزلىشىش
بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
ئادەملەر چوڭ مېڭە سول يېرىم شارى ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ. بۇنى بۇنىڭدىن100 يىل ئىلگىرى فرانسىيىلىك نېرۋا بۆلۈم دوختۇرى برونك بايقىغان. ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مېڭىنىڭ بۇ رايونىغا «برونك رايونى» دەپ نام بېرىلگەن.
بىر كۈنى، غەلىتە بىر بىمار برونك دوختۇرغا كېسىلىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كىرىپ ھېچقانداق گەپ قىلمايدۇ. برونك ئۇنىڭدىن: «سىزگە ياردىمىم لازىممۇ؟» دەپ سورىغاندا، بىمار يەنە گەپ قىلمايدۇ. كېيىن، بىمار يېزىق ئارقىلىق دوختۇرغا ئۆزىنىڭ گاس - گاچا ئەمەسلىكىنى، بۇرۇن سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ گەپ قىلالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. «تىلى بار تۇرۇپ گەپ قىلالمىغان» بۇ بىمارغا برونك ئىنتايىن قىزىقىپ قالىدۇ ھەم ئېچىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا بەل باغلاپ، بىمارنى تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە داۋالايدۇ. كېيىن، برونك جەسەتنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، بۇ بىمارنىڭ چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىدىكى بەزى توقۇلمىلىرىدا ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: »ئەسلىدە ئادەم چوڭ مېڭە سول يېرىم شارى ئارقىلىق سۆزلەيدىكەن - دە« دەيدۇ.
برونكنىڭ بۇ بايقىشى نېرۋا فىزىئولوگلىرىنىڭ نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە قىلىشى ۋە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتۈپ، بۇ پوستلاق قەۋەت رايونى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مەخسۇس نۇتۇق ھەرىكىتىنى باشقۇرىدىغان مەركەز ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئەگەر نۇتۇق ھەرىكىتى مەركىزىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرسە، «تىلدىن قالىدىغان»، يەنى سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
كېيىنچە، تەتقىقاتلار ئارقىلىق چوڭ مېڭە سول يېرىم شارىدىكى نۇتۇق مەركىزىدە، ئايرىم - ئايرىم ئوقۇش، ئاڭلاش، يېزىش ۋە سۆزلەشنى باشقۇرىدىغان تۆت ئورۇن بولىدىغانلىقى بايقالدى. شۇڭا، قايسى ئورۇندا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرسە، ئۇنىڭ مۇناسىپ فۇنكسىيىسى يوقىلىدۇ. بۇنىڭغا بەزى ياشانغان بىمارلارنىڭ كىتاب ئوقۇيالىسىمۇ خەت يازالماسلىقى؛ بەزىلەرنىڭ سۆزلىيەلمىسىمۇ، مەقسىتىنى خەت يېزىپ ئىپادىلىيەلىشى مىسال بولالايدۇ.