UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرئۆسۈملۈكمۇ تەرلەيدۇ

ئۆسۈملۈكمۇ تەرلەيدۇ

بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ياز پەسلىنىڭ چۈش ۋاقتىدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ قالىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بىر دانە ئەينەك ئىستاكاننى بىرنەچچە تال يوپۇرماققا كۆمتۈرۈپ قويساق، ئۇزاق ئۆتمەي ئىستاكاننىڭ ئىچكى دىۋارىدا بىر قەۋەت ئۇششاق سۇ تامچىلىرى پەيدا بولىدۇ. بۇ، ئۆسۈملۈكلەردە پارلاندۇرۇش رولىنىڭ بولغانلىقىدىن بولىدۇ. پارلاندۇرۇش رولى بولسا ئۆسۈملۈك ئىچىدىكى سۇنىڭ يوپۇرماق ئارقىلىق پارلىنىپ چىقىپ (يوقاپ) كېتىش ھادىسىسىدۇر. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرگەن سۇنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ھەر خىل مېتابولىزم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، قالغان مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا پارلىنىپ چىقىپ يوقاپ كېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بىر تۈپ كۆممىقوناقنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈش جەريانىدا پارلاندۇرۇش ئارقىلىق يوقىتىدىغان سۈيى تەخمىنەن200 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىنى تۈزگۈچى سۇ 2 كىلوگرامغا يەتمەيدىكەن، تېنى ئىچىدىكى خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرگە قاتنىشىدىغان سۇ بولسا ئاران25 .0 كىلوگرام ئەتراپىدا ئىكەن. ئەسلىدە، يوپۇرماقنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاۋا تۆشۈكچىلىرى ئىككى دانە بۆرەكسىمان قوغدىغۇچى ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى تەرەپ پوستى بىلەن سىرتقى تەرەپ پوستىنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاشمايدۇ، يەنى ھاۋا تۆشۈكچىسى تەرەپتىكى ئىچكى تەرەپ پوستى قېلىن، ھاۋا تۆشۈكچىسىگە يىراق بولغان تاشقى تەرەپ پوستى نېپىز بولىدۇ. قوغدىغۇچى ھۈجەيرىلەر سۇ سۈمۈرۈپ كۆپكەندە، نېپىزرەك بولغان تاشقى تەرەپ پوستى ئۇزىراپ، ھۈجەيرىنى سىرتىغا قاراپ ئېگىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاۋا تۆشۈكچىسى ئېچىلىدۇ؛ قوغدىغۇچى ھۈجەيرە سۇ يوقىتىپ ھەجمى كىچىكلىگەندە، سىرتقى تەرەپ پوستى تۈزلىنىدۇ - دە، ھاۋا تۆشۈكچىسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېپىلىدۇ. ھاۋا تۆشۈكچىسى پارلاندۇرۇش جەريانىدا سۇ پارىنى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئۆسۈملۈك سىرتىغا چىقىرىدىغان ئاساسلىق چىقىرىش ئېغىزى، شۇنداقلا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىش ۋاقتىدا ھاۋادىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرىدىغان ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى بولۇپ، ئۇ، ئۆسۈملۈكنىڭ گاز ئالماشتۇرىدىغان »دەرۋازىسى« ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىم بولغان ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنىڭ يوپۇرماق يۈزىدە ئىگىلەيدىغان كۆلىمى ئادەتتە %1 كە يەتمەيدۇ، ھاۋا تۆشۈكچىلىرى تولۇق ئېچىلغاندىمۇ پۈتۈن يوپۇرماق يۈزىنىڭ %2 ىنىلا ئىگىلەيدۇ. لېكىن، ھاۋا تۆشۈكچىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ھاۋا تۆشۈكچىسىدىن پارلىنىپ چىقىپ كېتىدىغان سۇ مىقدارى ھاۋا تۆشۈكچىسى بىلەن ئوخشاش كۆلەمدىكى ئەركىن سۇ يۈزىدىن پارلىنىپ چىقىپ كېتىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ50 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. پارلاندۇرۇش رولى ئۆسۈملۈكنىڭ سۇ سۈمۈرۈش ۋە توشۇشنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارلاندۇرۇش جەريانىدا سۇ سۇ پارىغا ئايلىنىشتا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى سۈمۈرىدىغان (يەنى1 گرام سۇ سۇ پارىغا ئايلانغاندا2400 جوئۇل ئەتراپىدىكى ئىسسىقلىقنى ئېلىپ ماڭىدۇ) بولغاچقا، يوپۇرماقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، يوپۇرماقنى كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىشىدىن ساقلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
ئۆسۈملۈكمۇ تەرلەيدۇ | UyghurWiki | UyghurWiki