ئادەمنىڭ ستېرېئولوق كۆرۈش سېزىمى
بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
كىشىلەر ستېرېئولوق كىنولارنى كۆرگەندە، ئېكراندا بىر يولۋاسنىڭ ئېتىلىپ كېلىۋاتقىنى كۆرگەن ھامان چۇرقىرىشىپ قورققىنىدىن كۆزلىرىنى يۇمۇشۇۋالىدۇ. بۇ پەقەت كۆرۈش سېزىمىمىزنىڭ ئالدانغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، يولۋاس ھەرگىزمۇ ئېكراندىن سەكرەپ چۈشمەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرنى كۆزەتكەندىكى ستېرېئولوق سېزىمى ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سېزىمىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ستېرېئولۇق كىنولارنى ئىككى كۆزدىن بىرىنى يۇمۇۋېلىپ كۆرگەندە بۇ خىل سېزىم پەيدا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى باش ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىلىرىدە كۆزىتىلگەن شەيئىلەرنىڭ تەسۋىرى پەيدا بولىدۇ. ئىككى كۆزنىڭ ئورنى بىر يەردە بولمىغاچقا، ئىككىسىنىڭ كۆزەتكىنى ئوخشاش بىر ئەمەلىي جىسىم بولسىمۇ، كۆرۈش پەردىلىرىدىكى ئىككى تەسۋىردە يەنىلا پەرق بولىدۇ. بىز ئادەتتە شەيئىلەرگە قارىغىنىمىزدا، ئىككى كۆزىمىزدە كۆپ جەھەتلىرى ئوخشاش، ئايرىم جەھەتلىرىلا ئوخشىمايدىغان ئىككى تەسۋىر پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ستېرېئولۇق سېزىمى مانا مۇشۇ پەرقنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت. شەيئىلەرنى كۆزەتكەندىكى كۆرۈش بۇلۇڭى قانچىكى كىچىك بولسا، مەسىلەن، يىراقتىكى مەنزىرىگە قارىغاندا، ئىككى كۆزدىكى تەسۋىرنىڭ پەرقى شۇنچە كىچىك، ستېرېئولۇق سېزىممۇ شۇنچە ئاجىز بولىدۇ؛ كۆرۈش بۇلۇڭى قانچىكى چوڭ بولسا، مەسىلەن، يېقىندىكى مەنزىرىگە قارىغاندا، ئىككى كۆزدىكى تەسۋىرنىڭ پەرقى شۇنچە چوڭ، ستېرېئولۇق سېزىممۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ستېرېئولۇق كىنو ۋە ستېرېئولۇق ئويۇنچۇق ئەينەك قاتارلىقلار ئادەمنىڭ ستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمى پرىنسىپىغا ئاساسەن لايىھىلەنگەن. ئەگەر ئوخشاش ئىككى فوتو ئاپپارات بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى ئىككى كۆزىمىزنىڭ ئارىلىقىدىن چوڭ قىلىپ ئوخشاش بىر جىسىمغا فوكۇسلاپ بىرلا ۋاقىتتا رەسىمگە تارتساق، ئاندىن ئۇلاردا تارتىلغان كۆپ جەھەتلىرى ئوخشاش، ئايرىم جەھەتلىرىلا ئوخشاشمايدىغان بۇ ئىككى رەسىمنى ستېرېسكوپ ئاستىغا قويۇپ، ئىككى كۆزىمىزنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ستېرېسكوپنىڭ ئىككى ئوكۇليارىغا توغرىلاپ كۆزەتسەك، ستېرېسكوپتىكى كۆپ جەھەتلىرى ئوخشاش، ئايرىم جەھەتلىرىلا ئوخشاشمايدىغان بۇ ئىككى رەسىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆرۈش تور پەردىمىزگە چۈشىدۇ. بۇ ئىككى رەسىمنى ئىككى كۆزىمىزنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە پەيدا بولغان ئەمەلىي تەسۋىر (رەسىم) بىلەن سېلىشتۇرساق پەرق خېلىلا چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، فوتو ئاپپاراتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئىككى كۆزىمىزنىڭ ئارىلىقىدىن خېلى چوڭ بولغاچقا، بۇ خىل چوڭىيىپ كەتكەن پەرق بىزنىڭ مېڭىمىزدە كۈچلۈك ستېرېئولۇق سېزىم ياكى يېقىنلىغانلىق سېزىمى پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ ستېرېئولۇق كىنونىڭ سىرىدۇر.