UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرتېرە

تېرە

بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر تېرە ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ بىر پۈتۈن ئەزادۇر. قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەر تېرىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن2 كۋادرات مېتىر ئەتراپىدا، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %6 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 كىلوگرام ئەتراپىدا چىقىدۇ. تېرىنىڭ قېلىنلىقى تەكشى ئەمەس بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن1 ~4 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. تېرىنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىن قارىغاندا، ئۇنى سىرتىدىن ئىچىگە قارىتا ئېپىدېرما، ھەقىقىي تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئېپىدېرما ئاساسەن مۈڭگۈز ماددىسى ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەر بىلەن دەرەخسىمان ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاستىنقى قەۋىتىدىكى مۈڭگۈز ماددىسى ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەر ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ تۇرىدۇ. يېڭى ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەر كونا ھۈجەيرىلەرنى بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىگە ئىتتىرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئېپىدېرما قەۋەتكە ئىتتىرىلىپ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، ھۈجەيرىلەردىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، سۈزۈك مۈڭگۈز ماددا دانچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كېيىنچە، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى مۈڭگۈزلىشىپ، كۆپ قەۋەتلىك ياپىلاق مۈڭگۈزلەشكەن ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قەۋەتكە ئايلىنىدۇ. ئالىقان، تاپان قاتارلىق ئاسان سۈركىلىدىغان يەرلەردىكى مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەتلەرمۇ مۇناسىپ ھالدا قېلىنلاپ تۇرىدۇ، مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەتتىكى ھۈجەيرىلەر ئۈزلۈكسىز تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئاستىنقى قەۋەتتىكى ھۈجەيرىلەر يەنە يېڭى مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئېپىدېرمىدىكى مۈڭگۈز ماددىسى ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەر3 −4 ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر تۈردىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى − دەرەخسىمان ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى ئازراق بولۇپ، ئۇلار مۈڭگۈزلەشمەستىن، مۈڭگۈز ماددىسى ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئارىلىرىغا تەرتىپسىز تارقىلىپ تۇرىدۇ. ئېپىدېرمىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتىدە يەنە قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، ئۇلار قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ چوڭقۇر قەۋەتلىرىدىكى توقۇلمىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەقىقىي تېرە تېرىنىڭ ئوتتۇرا قەۋىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ھەر خىل بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى بىلەن كۆپلىگەن كوللاگېن تالالىلىرى ۋە ئېلاستىك تالالار تارقالغان بولغاچقا، بۇلار تېرىنى ئېلاستىك ۋە ئەۋرىشىم قىلىدۇ. ھەقىقىي تېرىنىڭ ئىچىدە يەنە بىرمۇنچىلىغان نېرىپلار، قان تومۇرلار، تېرە ياغ بەزلىرى ۋە كۆپ خىل رېتسىپتورلار بولىدۇ. تېرە ئاستى توقۇلمىسى تېرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قەۋىتى بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما بىلەن ياغ توقۇلمىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەر بەزلىرى بىلەن تۈك خالتىچىلىرى بار. تېرىنىڭ تۆت چوڭ رولى بار: بىرىنچى، قوغداش رولى بار. تېرە ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئىي توسۇق بولۇپ، مۈڭگۈز قەۋەت يات ماددىلارنىڭ تەن ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشىنى ۋە بەدەندىكى سۇنىڭ پارلىنىپ كېتىشىنى توسىدۇ. ھەقىقىي تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى، ئەۋرىشىملىكى ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدىكى ياغ قاتارلىقلارنىڭ سۈركىلىشىگە، بېسىمغا ۋە سىلكىنىشكە قارشى رولى بار. قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى ھاسىل قىلغان قارا پىگمېنتلار كۈن نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىدىن ئۆتۈپ ئىچكى توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلاپ، خىمىيىۋى خاراكتېرلىك قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. تەر بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان سۈت كىسلاتالىرى بىلەن تېرە بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ياغ كىسلاتالىرى باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە يەنە لىزوزىم (باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىم)لار بولۇپ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئىككىنچى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش رولى بار. ھەقىقىي تېرىدە نۇرغۇن قان تومۇرلار بار بولۇپ، ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە بۇ قان تومۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى كېڭىيىدۇ، نەتىجىدە قاننىڭ ئېقىم مىقدارى چوڭىيىپ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلايدۇ - دە، ئىسسىقلىق بىۋاسىتە تارقىتىۋېتىلىدۇ. ھاۋا سوۋۇغاندا قان تومۇرلار تارىيىدۇ، نەتىجىدە قاننىڭ ئېقىم مىقدارى كىچىكلەپ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ - دە، ئىسسىقلىق گاز تارقىلىدۇ. ھاۋا ئىسسىپ ئادەم تەرلىگەندە، تەرنىڭ پارلىنىشى ئارقىلىق كۆپلىگەن ئىسسىقلىق تەر بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى، تېرىنىڭ يەنە تەر ۋە سۇدىن باشقا، ئاز مىقداردىكى مىنېرال تۇز، ئۇرېيە قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش رولى بار. تۆتىنچى، ھەقىقىي تېرىدە نۇرغۇن سەزگۈ نېرۋا ئۇچلىرى بولۇپ، سوۋۇتۇش، ئىسسىتىش، تەگكۈزۈش، ئاغرىتىش قاتارلىق غىدىقلاشلارنى سېزەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر