ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈشى
بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈشتە ئوخشاشلا «سۇ ئىچىش» ۋە «تاماق يېيىش» ئارقىلىق تولۇق ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سۇنى يىلتىزى ئارقىلىق، يەنى ئاساسلىقى يىلتىز قىسمىدىكى يىلتىز تۈكچىلىرى ئارقىلىق تۇپراقتىن سۈمۈرىدۇ. يىلتىز تۈكچىلىرىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش پرىنسىپىنى مۇنداق بىر تەجرىبە ئارقىلىق چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ: يەنى ئالدى بىلەن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئىككى تال ياڭيۇ (ياكى تۇرۇپ) نى خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتا ئوخشاش چوڭلۇقتا ھەم ئوخشاش چوڭقۇرلۇقتا ئويۇپ كامار قىلىمىز، ئاندىن سۇيۇقلۇق يۈزىنى تەڭ قىلىپ، بىرىگە تۇز سۈيى، يەنە بىرىگە سۈزۈك سۇ قۇيىمىز. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇز سۈيى قۇيۇلغان ياڭيۇ كامىرىدىكى سۇ يۈزى ئېگىزلەپ، ياڭيۇ يۇمشاپ كېتىدۇ، بۇ، ياڭيۇ ھۈجەيرىلىرىدىكى سۇنىڭ كامارغا سىزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۈزۈك سۇ قۇيۇلغان ياڭيۇ كامىرىدىكى سۇ يۈزى پەسىيىپ، ياڭيۇ قېتىپ كېتىدۇ، بۇ، ياڭيۇ ھۈجەيرىلىرىنىڭ كاماردىكى سۇنى سۈمۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پرىنسىپ ئوسموتىك سۇ سۈمۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ تەجرىبە ياڭيۇ ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەم سۇ سۈمۈرىدىغانلىقىنى، ھەم سۇ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھۈجەيرە سىرتىدىكى ئېرىتمىنىڭ قويۇقلۇقى ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقىدىن تۆۋەن بولغاندا، ھۈجەيرە سىرتتىن سۇ سۈمۈرىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، ھۈجەيرە سىرتقا سۇ چىقىرىدۇ. يىلتىز تۈكچىلىرىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش پرىنسىپىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. يىلتىز تۈكچىلىرى تۇپراقتا تۇپراق دانچىلىرىغا زىچ يېپىشىپ تۇرىدۇ، تۇپراق دانچىلىرى ئارىسىدا تۇپراق ئېرىتمىسى (تەركىبىدە سۇ بولىدۇ) بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، يىلتىز تۈكچە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى تۇپراق ئېرىتمىسىنىڭ قويۇقلۇقىدىن يۇقىرى بولىدىغان بولغاچقا، تۇپراقتىكى سۇ يىلتىز تۈكچە ھۈجەيرىلىرىگە كىرىدۇ. ئوخشاش قائىدىگە ئاساسەن، سۇ ئېپىدېرما ئىچىدىكى قاتمۇقات ھۈجەيرىلەرگە تەدرىجىي سىڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يىلتىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەرگە كىرىدۇ، ئاندىن ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنىگە بارىدۇ.
تېرىلغۇ مەۋسۇمىدا ئېتىزلاردىكى قارا تۇپراق قاتلىمى ئاغدۇرۇلغاندا، بەزىدە تاش پارچىلىرى چىقىپ قالىدۇ، بەزى تاش پارچىلىرىنىڭ يۈزلىرىدە تورسىمان سىزىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ، بۇمۇ يىلتىزنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى، ئۆسۈملۈكلەر سۇ سۈمۈرگەندىن باشقا، يەنە ئازۇت، فوسفور، كالىي، كالتسىي، ماگنىي، گۈڭگۈرت، تۆمۈر، بور، مانگان، سىنك، مىس قاتارلىق ھەر خىل ئېلېمېنتلارنىمۇ سۈمۈرىدۇ. ئۆسۈملۈك يىلتىزى تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئۇزىراپ ئۆسۈۋاتقاندا ناۋادا تاش پارچىسىغا ئۇچراپ قالسا، كىسلاتالىق ئېرىتمە ئاجرىتىپ چىقىرىپ تاش پارچىسىدىكى بەزى ئېلېمېنت (مەسىلەن، كالىتسىي) نى ئېرىتىپ تۇپراق ئېرىتمىسىگە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنى يىلتىزى ئارقىلىق سۈمۈرۈۋالىدۇ.
ئۆسۈملۈك ياشايدىغان تۇپراق ئېرىتمىسىدە سۇدا ئېرىيدىغان ئانئورگانىك تۇزلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ+K، +2aC، +2gM قاتارلىق مۇسبەت ئىئونلىرىمۇ، -IC، -3ON قاتارلىق مەنپىي ئىئونلىرىمۇ بولىدۇ، بۇ ئىئونلارنى ئۆسۈملۈك يىلتىزلىرى «خالىغىنىچە» سۈمۈرۈۋەرمەيدۇ. يىلتىز ھۈجەيرىلىرى ئۆزىدىكى +H ۋە -3OCH ئىئونلىرىنى «پۇل» قاتارىدا ئىشلىتىپ، ئېھتىياجلىق ئىئونلارنى يىلتىز ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يۆتكەيدۇ. بۇنى ھۈجەيرە پەردىسىدىكى توشۇغۇچى ئاقسىللار ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا توشۇيدۇ. بىز كۆكتات شورپىسى ئىچكىنىمىزدە، تۇز سۇ بىلەن بىللە تېنىمىزگە كىرىدۇ. ئۆسۈملۈكتە بولسا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ سۇنى سۈمۈرۈشتە تايىنىدىغىنى ئىچكى - تاشقى سۇيۇقلۇقلارنىڭ قويۇقلۇق پەرقى بولغاچقا، تۇپراقتىكى سۇنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولغاندىلا، تۇپراقتىكى سۇ ئۆزلۈكىدىن سۈمۈرۈلۈپ كىرىدۇ؛ ئانئورگانىك تۇزلارنى سۈمۈرۈشتە بولسا ئاۋۋال ئۆزىدىكى +H ياكى -3OCH نى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يۆتكەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى مەخسۇس «ۋاگون» بىلەن بەدىنىنىڭ ئىچىگە توشۇيدۇ.