UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەسلىنىشى

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەسلىنىشى

بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەسلىنىشى ھۈجەيرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھۈجەيرە ئىچىدە خوندرىئوسوم دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاياقسىمان ياكى دانچىسىمان ئۇششاق تەنچىلەر بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەسلىنىشىنى باشقۇرىدۇ. پۈتكۈل نەپەسلىنىش جەريانىدا خوندرىئوسوملار ئىچىدە بىر قاتار مۇرەككەپ خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىدۇ، يەنى سۈمۈرۈلگەن ئوكسىگېن قەنت قاتارلىق ماددىلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. خوندرىئوسوم ئۆسۈملۈك تېنىدىكى «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ زاۋۇت» ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر كېچە - كۈندۈز نەپەسلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، كېچىسى يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدەك قويۇپ بېرىلىدىغان ئوكسىگېن بولمىغاچقا، سەھەردە ئورمانلىقنىڭ ئىچى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن تولۇپ كېتىدۇ - دە، ھاۋا بۇلغىنىپ كېتىدۇ. كەچقۇرۇنلۇقى بولسا ئۆسۈملۈكلەر بىر كۈن فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ كۆپ مىقداردا ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدىغان بولغاچقا، ھاۋا ئىنتايىن ساپ بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەپەسلىنىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ قىسىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە نەپەسلىنىش جەريانىدا ئورگانىك ماددىلار پارچىلىنىپ بىر قاتار ئارىلىق ھاسىلاتلار پەيدا بولىدۇ، بۇ ئارىلىق ھاسىلاتلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر خىل مۇھىم ئورگانىك ماددىلارغا سىنتېزلىنىپ، ئۆسۈملۈكلەر تېنىنىڭ مۇھىم تەركىبىگە ئايلىنىدۇ. نەپەسلىنىش ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىش بىلەن ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىش بولسا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىگېنسىز شارائىتتا بەزى ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ چالا ئوكسىدلانغان ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىشىدە ئىسپىرت ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، ھاراق ئېچىتىشتا كۆپىنچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىشتىن پايدىلىنىدۇ. ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسلىق نەپەسىلىنىش شەكلى بولۇپ، بۇنىڭدا قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىشتە قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيىدىن تېخىمۇ كۆپ بولىدىغان بولغاچقا، بۇ بىر خىل «ئەمەلىي ئۈنۈمى يۇقىرى» بولغان نەپەسلىنىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئۆسۈۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرلا نەپەسلىنىپ قالماستىن، يىغىۋېلىنغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ نەپەسلىنىدۇ. ئۇزاق مەزگىل كۆكتات ساقلانغان گەمىدە ئادەم تۇنجۇقۇپ قالىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى گەمىدىكى كۆكتاتلار نەپەسلىنىپ كۆپ مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد چىقىرىپ تۇرىدۇ، ئەگەر گەمىگە كىرىشتىن بۇرۇن ھاۋاسى ئالماشتۇرۇلمىسا، كىرگەن ئادەم تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاشلىقلارنى ئۇزاق ساقلاشتا ئىمكانقەدەر ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىش رولىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئامالىنى قىلىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، نەپەسلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىپ ئورگانىك ماددىلار كۆپلەپ خوراپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ئىسسىقلىقمۇ ئاشلىقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئەكسىچە نەپەسلىنىشنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ - دە، ئاخىرىدا ئاشلىقنىڭ قىزىپ كۆكىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر