UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆمرى

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆمرى

بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئادەملەر ئىچىدە70 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىرى ئاز ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا100 يىللىق قېرى دەرەخلەر ناھايىتى كۆپ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىغا يىل ھالقىسى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. تەجرىبىلىك باغۋەنلەر شاخلارنىڭ تارماقلانغان قاتارلىرىغا ئاساسلىنىپمۇ دەرەخنىڭ يېشىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشى ھەرقايسىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. ئالما، قارىئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر ئادەتتە100 يىل ياشايدۇ. گىلاس300 −400 يىل، زەرەڭ500 يىل، قارىغاي600 يىل، كامفورا دەرىخى800 يىل ياشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا ھازىر بايقالغان ئۆمۈر چولپىنى ئەجدىھا دەرىخىدۇر. بۇنىڭدىن500 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيىلىك بىر كىشى كانارىي تاقىم ئارىلىدىكى بىر تۈپ ئەجدىھا دەرىخىنى ئۆلچىگەندە، تەخمىنەن8000 ياش چىققان. ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنىڭ «ئاقساقىلى» كۈمۈشئۆرۈكنىڭ ئۆمرى ئادەتتە1000 ياشنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جۇشيەن ناھىيىسى فۇلەيشەن تېغى دىڭلىن ئىبادەتخانىسىدىكى بىر تۈپ كۈمۈشئۆرۈك3000 ياشقا كىرگەن.1949 - يىلى فرانسىيە ئالىملىرى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى بىر كىچىك ئارالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،300 يىل ئىلگىرى ئەنگلىيىنىڭ بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى چوڭ دەرەخقە ئويۇپ قالدۇرغان يېزىقنى بايقىغان. ئۇلار ئويۇپ قالدۇرۇلغان بۇ يېزىق ئىزلىرىنىڭ300 يىل جەريانىدا ئۆسكەن قېلىن - نېپىزلىكىگە ئاساسەن پۈتۈن دەرەخنى قايتا ئۆلچەپ، بۇ دەرەخنىڭ6000 ياشتىن ئاشقانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. دەرەخلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۇلارنىڭ كېسەللىككە قارشى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن كۈمۈشئۆرۈكتە كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە α-2 ئېن ئالدېھىد ۋە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتالار بارلىقىنى، بۇ ماددىلارنىڭ ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلاش رولى بارلىقىنى بايقىغان. بەزى كېسەللىك باكتېرىيىلىرى سىرتقى مۇھىتتىن دەرەخ تېنىگە كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلىنىدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئادەتتە ئاران1 −2 يىل ياشىيالايدۇ، ھەتتا بىر پەسىل ياشىيالايدىغانلىرىمۇ بار. ئۆمرى ئەڭ قىسقا ئۆسۈملۈك قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈلى بولۇپ، بىرقانچە ھەپتىلا ياشىيالايدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە مېھرىگىياھنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ،100 يىل ئەتراپىدا ياشايدۇ. مېھرىگىياھنىڭ يوپۇرمىقى ئالىقانغا ئوخشاش بولۇپ، ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقتۇر. ئۇنىڭ ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىر مۇرەككەپ يوپۇرماق سېپىغا بەش تالدىن كىچىك يوپۇرماق جايلىشىدۇ. ئۇنىڭغا بىر يىلدا بىر تال مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئىككى يىلدا ئىككى تال مۇرەككەپ يوپۇرماق ئۆسۈپ چىقىدىغان بولغاچقا، مۇرەككەپ يوپۇرماقنىڭ سانىغا ئاساسەن بەش يىللىققىچە بولغان مېھرىگىياھقا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. كىچىك شەمشاد ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى تىرىك تاشقاتما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ60 مىليون يىل ئىلگىرى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى مەركەز قىلغان شىمالىي يېرىم شارغا كەڭرى تارقالغان.1941 - يىلى ئېلىمىزدە تىرىك تاشقاتما دەپ قارالغان كىچىك شەمشادنىڭ بايقىلىشى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئىلىم - پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ،20 - ئەسىر بوتانىكا ساھەسىدىكى زور بايقاش دەپ قارالدى. ئۇنىڭ پالېئونتولوگىيىلىك فىزىكا ۋە گېئولوگىيىلىك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممىتى بولسىمۇ، بىراق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «ئاقساقىلى» دەپ قارىلىدىغان كۈمۈشئۆرۈك يەر شارىدا كىچىك شەمشادتىن خېلى بۇرۇن، يەنى بۇنىڭدىن170 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ يۇرا دەۋرىدە پەيدا بولغان. ئۇ چاغدىكى ياۋروپا - ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقلىرىدا تۈرلىرى كۆپ كۈمۈشئۆرۈك دەرەخلىرى ئۆسەتتى. ھازىرمۇ ئۇلار يەر شارىدا قېپقالغان ھەم ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان ئۆسۈملۈكلەر ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆمرى | UyghurWiki | UyghurWiki