UyghurWiki
UyghurWikiبىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرجانلىقلار تېنىدىكى ئېلېكتر پونكىتلىرى

جانلىقلار تېنىدىكى ئېلېكتر پونكىتلىرى

بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر جانلىقلار تېنىدىمۇ ئېلېكتر پونكىتلىرى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆلىمى مىكرون دەرىجىلىك بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە پەردىسى ئېلېكتر پوتېنسىئالىدىن ئىبارەت. ئېلېكتر قويۇپ بېرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق بىر تىرىك ھۈجەيرە پەقەت بىر ئېلېكتر پونكىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئېلېكتر پونكىتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ چىقىرىدىغان ئېلېكتر بېسىمى تەكشى، ئۈنۈمى يۇقىرى، تولۇق ئاپتوماتلاشقان بولۇپ، مۇھىتنىمۇ بۇلغىمايدۇ. ھۈجەيرىنىڭ ئېلېكتر قويۇپ بېرىش ئورنى، ئاساسەن ھۈجەيرە پەردىسىدە بولىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىدە PTA−K−aN ئېنزىمى دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ماددا بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى »ناترىي - كالىي پومپىسى« دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئوشۇقچە ناترىي ئىئونىنى ھۈجەيرە سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىپ، ھۈجەيرە سىرتىدىكى كالىي ئىئونىنى ھۈجەيرە ئىچىگە تارتىپ كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ھۈجەيرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى كالىي، ناترىي ئىئونلىرىنىڭ قويۇقلۇق نىسبىتى كونترول قىلىدىغان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك بولغاچقا، ئۇنىڭغا سىرتتىن كونترول قىلىدىغان ئاپپارات سەپلەش ھاجەتسىز. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھۈجەيرە ئىچىدىكى كالىي ئىئونلىرىنىڭ قويۇقلۇقى پەردە سىرتىدىكىدىن يۇقىرى بولسا، ھۈجەيرە سىرتىدىكى ناترىي ئىئونلىرىنىڭ قويۇقلۇقى پەردە ئىچىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئېلېكتر تارقىتىشى مانا مۇشۇ خىل بەلگىلىنىپ بولغان ئىئونلار قويۇقلۇقى پەرقى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىدە يەنە ئىككى خىل ئىئون يولى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرخىلى ناترىي ئىئونى يولى، يەنە بىرخىلى كالىي ئىئونى يولى دېيىلىدۇ. ناترىي ئىئونى يولى پەقەت ناترىي ئىئونلىرىنىڭ ئۆتۈشىگىلا رۇخسەت قىلىدۇ، كالىي ئىئونى يولى بولسا پەقەت كالىي ئىئونلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ھۈجەيرىلەر ئادەتتە تىنچ ھالەتتە تۇرغاندا ناترىي يولى ئېتىلىپ، بەزى كالىي يوللىرىلا ئوچۇق تۇرىدىغان بولغاچقا، ھۈجەيرىلەر ئىچىدىكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى كالىي ئىئونلىرى كالىي يولىنى بويلاپ ئېقىپ چىقىدۇ. كالىي ئىئونى مۇسبەت زەرەتلىك بولغاچقا، ئۇ سىرتقا ئېقىپ چىقىۋاتقاندا ھۈجەيرە ئىچىدىكى مەنپىي ئىئونلار ئۇلارغا قوشۇلۇپ بىللە ئاقسىمۇ، لېكىن كالىي ئىئونى يولى ئېغىزىغا كەلگەندە مەنپىي ئىئونلار توسۇلۇپ قېلىپ پەردە ئىچىدە قالىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە پەردە ئىچىدىكى مەنپىي ئىئونلار كۆپىيىپ، مەنپىي ئېلېكتر پوتېنسىئالى يۇقىرىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، پەردە سىرتىدا كالىي ئىئونلىرى كۆپىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، مۇسبەت ئېلېكتر پوتېنسىئالىمۇ يۇقىرىلايدۇ. پەردىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئېلېكتر پوتېنسىئاللار پەرقى مەلۇم قىممەتكە يەتكەندە، ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇق كۆرۈلىدۇ - دە، بۇ چاغدا ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە سانلىق قىممەتلىرى مۇقىم بولغان ئېلېكتر پوتېنسىئاللار پەرقى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئادەتتە تەخمىنەن70 مىللىۋولت ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىكى كونكرېت سانلىق قىممەتلەر ھۈجەيرىنىڭ تۈرلىرىگە ئاساسەن ھەر خىل بولىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ دىئامېتىرى كۆپىنچە مىكرون دەرىجىسىدە بولغاچقا، ھۈجەيرە پەردىسى ئېلېكتر پوتېنسىئالىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك ئېلېكتر پونكىتى دېيىشكە بولىدۇ. قوزغىلىشنى ھادىسە جەھەتتىن تىرىك توقۇلمىلار ياكى ھۈجەيرىلەر غىدىقلانغاندا، نىسپىي تىنچ ھالەتتىن ھەرىكەت ھالىتىگە ئۆتۈشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىكى قىسقىرىشى بىلەن بەز ھۈجەيرىلىرىنىڭ غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىكى ئاجرىتىپ چىقىرىشى، ماھىيەتتە ئېلېكتر پوتېنسىئاللىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېۋرونلار غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا، سىرتقى قىسمىدا كۆرۈنەرلىك ئىنكاس ئىپادىلەنمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا ئېلېكتر پوتېنسىئالىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، يەنى قوزغىتىلغان ئورۇن بىلەن قوزغىتىلمىغان قوشنا ئورۇن ئارىسىدا ئېلېكتر پوتېنسىئاللىرى پەرقى شەكىللىنىپ زەرەتلەر يۆتكىلىپ، قىسمەن ئېلېكتر ئېقىمى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل قىسمەن ئېلېكتر ئېقىمى ئۆزىگە يېقىن ھەم قوزغىتىلمىغان ئورۇنلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئېلېكتر پوتېنسىئاللىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ - دە، قوزغىلىشنىڭ ئالدىغا قاراپ ئۆتۈشۈشى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر